ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەدەنىيەت

دەريا قىرغىقىدىكى غايىۋى دۆلەت

ۋاقتى : 2014-01-08  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئابدۇللا كۆرۈلىشى : قېتىم

 

ئافرىقا زامانىۋى تۇرمۇش ئىچىدە ئىپتىدائىي قىياپىتىنى ئىزچىل بۇرۇنقىدەكلا ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر قىتئە، بىراق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى سەۋەبىدىن، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئافرىقىنىڭ تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىشىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىپ قالدى. يېقىندا، چەت ئەل ئاخبارات تاراتقۇلىرى فوتوگرافلارنىڭ ئافرىقىنىڭ گامبىيە دەرياسى بويىدىكى يەرلىك قەبىلىلەردە تارتقان بىر گۇرۇپپا سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، سۇ ئېلېكتىر ئىستانىسىسى قۇرۇش سەۋەبىدىن كۆچۈرۈلۈش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان كەنتلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئىپتىدائىي قىياپىتىنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، گامبىيە دەرياسى ئافرىقىدىكى ساناقلىقلا تەبىئىي دەريا ئېقىنلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ دەريا ئېقىنى ئۈستىگە بىر چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، فوتوگراف Jason Florio ۋە ئۇنىڭ ئايالى Helen Jones-Florio ئاپپارات ئارقىلىق دەريا ئېقىنى ئەتراپىدىكى كەنتلەر كۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇنقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى خاتىرىلەۋېلىشنى قارار قىلغان. ئۇلار دەريانىڭ مەنبەسى گۋىنېئا ئېگىزلىكىدىن يولغا چىقىپ، سېنېگال ۋە گامبىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا دەريانىڭ ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن كېسىشكەن جايىغا كەلگەن. جەيسون قاتارلىق تۆت ئادەم بىر ئاي سەرپ قىلىپ، تەخمىنەن 700 مىل (تەخمىنەن 1100 كىلومېتىر) يول بېسىپ، دەريا قىرغىقىدىكى يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسىنى خاتىرىلىگەن.

گەرچە سەپەر ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، دائىم تۈرلۈك تاسادىپىي ئەھۋاللارغا ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئەمما جەيسون قىيىنچىلىققا قەتئىي بوي سۇنمىغان، ئۇ تېخى كېلەر قېتىملىق گامبىيە سەپىرىنىمۇ پىلانلاپ بوپتۇ.
 

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا