ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

پاكىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلدى

ۋاقتى : 2014-01-10  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى: تالىبانغا قارشى تۇرۇش بىلەن دڭقى چىققان پاكىستان ساقچى باشلىقى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى كاراچىدىكى بىر قېتىملىق پارتلىتىش ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
BBC نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كاراچى شەھىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مەسئۇلى چودھىرىي ئاسلام خاننىڭ ساقچى ماشىنا ئەترىتى كاراچىدا چارلاۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان، باشقا 2 ئادىمىمۇ پارتلاشتا ئۆلگەن.
ساقچى باشلىقى ئاسلام خان ئىلگىرىمۇ نەچچە قېتىملىق ھۇجۇمدا ھايات قالغان ئىدى.
پاكىستان تالىبانلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 
ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىشىچە، تالىباننىڭ باياناتچىسى ئېھسانۇللاھ ئېھسان تېلېفون ئارقىلىق فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا:«شۇنداق، بىز چودھىرىي ئاسلامنى ئۆلتۈردۇق ھەمدە ئۇنى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە مەسئۇل بولىمىز. ئىلگىرى نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلساقمۇ ھايات قالغان ئىدى، ئاسلام بىزنىڭ غازاتچى قېرىنداشلىرىمىزغا زىيانكەشلىك قىلدى، قىينىدى، ئۇردى، بىز ئاخىرى ئۇنى ئۆلتۈردۇق» دېگەن.
 
تەرجىمىدە: نەپرەت

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا