ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ سىياسىي كىرزىسىغا دىققەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈردى

ۋاقتى : 2014-01-10  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم


جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن سىياسىي كىرزىسقا دىققەت قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئادىل ئەدلىيە سىستېمىسى تەلەپ قىلغانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى جېن پساكى مېدىيەلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى مەنپەئەتى بىلەن ئالاقىدار ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ھەمدە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئادىل ۋە ئېنىق ئەدلىيە سىستېمىسى تەلىپىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.
پساكى بىرلا ۋاقىتتا يەنە، ۋاشىنگتون مەزكۇر سىستېمىدا ھېچكىمنىڭ ئەدلىيەدىن ئۈستۈن تۇرمايدىغانلىقىنى ھەمدە داڭلىق شەخسلەرگە قارىتىلغان شىكايەتنىڭ ئادىل تەكشۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن باشلاپ، تۈركىيە ساقچىلىرى بىلەن ئەدلىيە تارماقلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسىگە قارىتا بىر قېتىم تەكشۈرۈش قىلغان. سەتچىلىككە چېتىلىپ قالغان ئىقتىساد، ئىچكى سىياسىي ئىشلار ۋە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىكىنىڭ 3 مىنىستىرى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، تۈركىيە باش مىنسىىتىرى ئەردوغان شۇ كۈنى ئىچكى كابېنتنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، يېرىمدىن كۆپرەك مىنىستىرنى ئالماشتۇرغان.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر چىرىكلىككە قارشى كۈرەش تۈركىيەدە كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان.
ئەردوغان مەزكۇر چىرىكلىككە قارشى تەكشۈرۈشنىڭ «سۈيقەست» ئىكەنلىكىنى، كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر ۋە ئەدلىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر چىرىكلىكىنى تەكشۈرۈش سەتچىلىكتىن سىياسىي كىرزىسقا ئايلانغان بولۇپ، ئەردوغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 11 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلگەن.
2014-يىلى تۈركىيەنىڭ يېڭى بىر قېتىملىق سايلىمى باشلىنىش ئالدىدا، فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى چىرىكلىك سەتچىلىكىنىڭ ئەردوغاننىڭ داۋاملىق باش مىنستىرلىق ۋەزىپسىى ئۆتىشىگە ئەمەلىي تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.

تەرجىمىدە: ئاينۇر

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا