ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

يۈننەندىكى تىبەتلەر ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 200 نەچچە ئۆي كۆيۈپ كەتتى

ۋاقتى : 2014-01-11  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر ئولتۇراقلاشقان شانگىرى-لا ناھىيىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 1-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇكېزوڭ (独克宗) قەدىمىي شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئاساسەن كونترول قىلىنغان، دەسلەپكى ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، 242 ئېغىز ئۆي كۆيۈپ كەتكەن.
1-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەر سائەت 1:27 ئۆتكەندە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 11:27 ئۆتكەندە)، دىچىڭ ئوبلاستى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى 119 جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى شانگرى-لا ناھىيىسى دۇكېزوڭ قەدىمىي شەھىرىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغان.
شانگرى-لا ناھىيىسى دەرھال جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھىسى تۈزۈپ، ئوت ئۆچۈرۈش، قوراللىق ساقچى ۋە ئازادلىق ئارمىيە، يەرلىك خەلق ئەسكەرلىرى ھەمدە ئامما بولۇپ 2000 ئادەمنى ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تەشكىللىگەن.
دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، ئادەمنىڭ قەستەن ئوت قويۇش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارغان، ھەقىقىي سەۋەبى تەكشۈرۈلىۋېتىپتۇ.
 
تەرجىمىدە: نەپرەت

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا