
ئوتتۇرا ئاسىيا دوكلاتلىرىنىڭ 8-يانۋار خەۋىرى: خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، خەلقئارالىق جىھادچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى قىرغىزىستاندا تۇتۇلغان.
قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا غازاتچىلار تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دەپ گۇمان قىلىنغان 39 ياشلىق بىر ئەر تۇتۇلغان، ئەمما ئۇنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان، ئىگىلىنىشچە، بۇ ئەر قىرغىزىستان ئاممىسىنى سۇرىيەدىكى قوزغىلاڭچى مۇجاھىدلارغا قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلغان.
قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى دېيىشىچە، جىنايەت گۇماندارى ئافغانىستاندىكى بازىدا ھەربىي مەشىقلەنگەن.
قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى دېيىشىچە، بۇ ئەر قىرغىزىستاننىڭ جالال-ئاباد رايونىدىكى نەچچە قېتىملىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبەك ئاتامبايېۋ 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ سۇرىيە مۇجاھىدلىرىغا قوشۇلۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ياشلىرىنى قوبۇل قىلىۋاتقان مەخپىي تەشكىلاتنى پاش قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
تەرجىمىدە: نەپرەت