ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى: رېيترس ئاگېنتلىقى مىسىر ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ 63 نەپەر قوللىغۇچىسىغا مالىمانچىلىق چىقىرىش، قاتىللىق ۋە قورال-ياراق ساقلاش جىنايىتى ئۈچۈن 3 يىل قاماق جازاسى بەرگەن.
بۇ مىسىر ئارمىيىسىنىڭ سابىق پرېزىدېنت مۇھەممەد مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا زەربە بېرىشنى باشلىغاندىن بۇيان، جىنايى جازا بەرگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ.
سودىيە تۈرمىگە قاماش ھۆكۈمى بېرىلمىگەنلەرگە 5000 مىسىر پوندى (تەخمىنەن 720 ئامېرىكا دوللىرى) غا كېپىللىك بېرىش شەرتىنى بەلگىلىگەن. بۇ قارار يەنە ھەر بىر كىشىگە 50 مىڭ مىسر پوندى جەرىمانە قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قاھىرەنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا، مۇسۇلمان قېرىداشلار تەشكىلاتىنىڭ 24 نەپەر قوللىغۇچىسىغىمۇ 3 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
ئۇلارغا قارىتىلغان ئەيىبلەش مالىمانچىلىق چىقىرىش، قانۇنسىز يىغىلىش، ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مىسىر بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ خادىمى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، بەزىلەرنىڭ مۇھەممەد مۇرسىنى قەسلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر تەمىنلىمىگەن.
تەرجىمىدە: نەپرەت