ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى: دۇبەي دائىرلىرى دېيىشىچە، ئۇلار ئەنگلىيەلىك سودىگەرنىڭ يوقاپ كېتىشى بىلەن چېتىشلىق 3 ئىرانلىقنى قولغا ئالغان، ئەمما ئۇلار ئەنگلىيەنىڭ سودىگەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا يەنىلا ئۇرۇنىۋېتىپتۇ.
مەزكۇر ئەمىرلىكنىڭ مېدىيە ئىشخانىسى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا بىلدۈرۈشىچە، قانۇن دوختۇرىنىڭ دوكلاتىدا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ «شەك-شۈبھىسىز» سودىگەر ئابباس يازدىنى تۇتقۇن قىلىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكى دېيىلگەن.
ئەمما دەلىل-ئىسپات ۋە جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جەزىملەشتۈرۈلۈش تەپسىلاتىنى تەمىنلىمىگەن.
ئەنگلىيە دائىرلىرى دېيىشىچە، 44 ياشلىق يازدى 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى دۇبەيدە يوقاپ كەتكەن. لوندون ساقچىلىرى بىلدۈرۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ھەمدە ئائىلىسىگە ئالاقە مۇلازىمىتى تەمىنلىگەن.
ئەنگلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 3 ئىرانلىقنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا باھا بەرمىگەن.
تەرجىمىدە: نەپرەت