ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

كۇرد نامايىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئىستانبۇلدا توقۇنۇشتى

ۋاقتى : 2014-01-10  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئىران ئاخبارات تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى: 3 كۇرد ئايال سىياسىي پائالىيەتچىنىڭ فرانسىيە پايتەختىدە قەستكە ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىدا، نەچچە يۈز كۇرد 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبۇلدا نامايىش قىلغان، كۇرد نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار توقۇنۇشقان.
1-ئاينىڭ 9-كۈنى، كۇرد نامايىشچىلار 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى پارىژدا ئۆلتۈرۈلگەن كۇرد پائالىيەتچىلەر ئۈچۈن ھەققانىيەت تەلەپ قىلغان. نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىدە نامايىش قىلىپ فرانسىيە كونسۇلخانىسىغا يۈرۈش قىلغان.
ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە رېزىنكە ئوق ئېتىپ، غەزەپلەنگەن نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن.
كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ساكىنە جانسىزنىڭ جەسىتى پارىژدىكى كۇرد ئۇچۇر مەركىزىدە بايقالغان بولۇپ، بېشىنىڭ كۆپ يېرىگە ئوق تەگكەن ئىدى. باشقا 3 ئايال پائالىيەتچى فىدان دوگان ۋە لەيلا سويلەمەزنىڭ جەسىتىمۇ ساكىنەنىڭ يېنىدا ئىدى.
2013-يىلى، نەچچە مىڭلىغان كۇرد ياش ئوغۇل-قىزلىرى دىياربەكىر ۋە باشقا نەچچە شەھەردە نامايىش قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئېتىراز بىلدۈرگەن ئىدى.
باش مىنىستىر ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمىتى زىيانكەشلىكنى ئەيىبلەپ، فرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى «قەستلەپ ئۆلتۈرگۈچى» دېگەن .

تەرجىمىدە: نەپرەت

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا