شۇ يەر ۋاقتى 6 ـ فېۋرال، پاكىستان ئىسلامئاباد، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان خادىملىرى شۇ كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ دۆلەت ئىچىدىكى زوراۋانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش يول خەرىتىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتى.
يېرىم ئارال تېلىۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋەكىلى ۋە پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ ۋەكىلىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەسمىي سۆھبىتى 6 ـ فېۋرال ئىسلامئابادتا باشلانغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ پەيشەنبە كۈنى دەسلەپكى قەدەمدە تىنىچ يول بىلەن توقۇنۇشنى ئاياقلاشتۇرۇش سۆھبەت پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. پاكىستان زۇڭلىسى شېرىف ئەگەر سۆھبەتتە بىرلىك ھاسىل بولمىسا ئۆزىنىڭ ھەربىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تالىبان كونتروللۇقىدىكى رايوننى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى بېشارەت بەرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر تالىبان ۋەكىلى ھۆكۈمەت پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىسلام قانۇنىنى يولغا قويۇشقا قوشۇلمىغان ئەھۋالدا تالىبان تەشكىلاتى تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بارمايدۇ، دېگەن. تالىبان پاكىستاندا داۋالغۇچ ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈۋاتقىنىغا 10يىل بولدى، ھازىرغىچە 45 مىڭ ئادەم داۋالغۇچتا ئۆلدى.
پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبانلار زوراۋانلىقنى توختىتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇشقا كەلدى
پاكىستان تالىبانلىرى
شىنخۇا تورىنىڭ 6 – فېۋرال ئىسلامئابادتىن بەرگەن تېلېگراممىسى پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن پاكىستان تالىبانلىرى 6 – چىسلا ئىسلامئابادتا دەسلەپكى قەدەمدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بارلىق «زوراۋانلىق قىلمىشلار» نى توختىتىپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
ئىككى تەرەپ سۆھبەتتىن كېيىن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى، ئىككى تەرەپ ئاساسىي قانۇن رامكىسى ئىچىدە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى، بىخەتەرلىككە ۋە تىنچلىققا زىيان سالىدىغان بارلىق قىلمىشلار چوقۇم توختىتىلىشى كېرەك.
پاكىستان، تالىبانلار سۆھبەت كومىتېتى ئەزالىرى سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن ۋاجىرىستان قەبىلە رايونىغا بېرىپ، پاكىستان، تالىبانلار رەھبەرلىرىگە تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرىنى ئۇقتۇرىدۇ.
پاكىستان ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ئېرفان سىدىق مۇنداق دېدى، شارىف زوڭلى سۆھبەت ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ھەقىقىي ئۈمىد قىلىدۇ.
پاكىستان تالىبانلىرى سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەھبىرى سارمى مۇنداق دېدى، تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان بارلىق تىرىشچانلىقلار چوقۇم يېتەرلىك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ، تالىبانلارمۇ ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدۇ.
شارىف 1 – ئاينىڭ 29 – كۈنى مۇنداق جاكارلىدى، تۆت ئەزادىن تەركىپ تاپقان ھۆكۈمەت سۆھبەت ئۆمىكى تەشكىللەپ، پاكىستان تالىبانلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈمىز. پاكىستان تالىبانلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 2 – كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ سۆھبەت ئىلتىماسىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ھەمدە بەش نەپەر دىنىي زات ۋە سىياسىي رەھبەردىن تەشكىل تاپقان ئۆمەك تەسىس قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.