يەر شارى تورىنىڭ 6-فېۋرالدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئەسكەرلىرى پايتەخت بانگىدا، مۇسۇلمانلاردىن تەشكىللەنگەن سېلېكا قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەزاسىنى ئۆز ئالدىغا ئېتىۋەتتى، رىۋاندادىن كەلگەن تىنچلىق ساقلاش ئەسكىرى توسۇپ نەسىھەت قىلسىمۇ ئۈنۈمى بولمىدى.
ئوتتۇرا ئافرىقا ئىلگىرى فرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولغان، 2013-يىلى 3-ئايدا ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق قىسىم پرېزىدېنتنى تەختتىن ئۆرۈۋېتىپ، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇردى. ئەمما ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتمۇ دۆلەت ۋەزىيىتىنى كونترول قىلالمىدى.
ھازىر مۇسۇلمانلار ئارمىيىسى بىلەن خىرىستىئانلار ئارمىيىسى ئۆز ئارا ئېتىشماقتا، بارلىق يوللاردا دېگۈدەك ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتى بار.گەرچە فرانسىيە ۋە ئافرىقا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، قوراللىق توقۇنۇش دۆلەت ئىچىدە يەنىلا يامرىماقتا ھەمدە بەشتىن بىر قىسىم نوپۇس (4 مىليون 600 مىڭ) ئۆي-ماكانسىز قالدى.
مەنبە: يەر شارى تورى، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.