ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

خاماس قوراللىق خادىملارنىڭ ئىسرائىلىيەگە راكېتا بومبا ئېتىشىنى چەكلىدى

ۋاقتى : 2014-02-05  مەنبەسى : شىنخۇا تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

Gaza.jpg

شىنخۇا تورىنىڭ 5-فېۋرالدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): غەززە رايونىنى كونترول قىلىۋاتقان پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) نىڭ باياناتچىسى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى دېيىشىچە، خاماس شۇ كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان چېگرا رايونغا بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، غەززە رايونىدىكى قوراللىق خادىملارنىڭ ئىسرائىلىيەگە راكېتا بومبا ئېتىشىنى چەكلىگەن.

خاماسنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى قايتا قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ غەززە رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى، «بىز ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.

خاماس 2012-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەندىن كېيىن، چېگرا رايونغا 600 ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇپ، غەززەدىكى قوراللىق خادىملارنىڭ ئىسرائىلىيەگە راكېتا بومبىسى ئېتىشىنى چەكلىدى.

خاماس يېقىندا قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىنقى بىر ئايدا غەززە رايونىغا پات-پات ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىغا قارشىلىق بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى يېقىندا مىسىر ئارقىلىق خاماسقا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، ئەگەر پەلەستىن قوراللىق خادىملىرى ئىسرائىلىيەگە راكېتا بومبا ئېتىشنى توختاتمىسا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

مەنبە: شىنخۇا تورى، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى. 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا