شىنخۇا تورىنىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): لىۋاننىڭ شەرقىدىكى سۇرىيە چېگرىسىغا يېقىن ھارمېل بازىرىدا 2-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ماشىنا بومبا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەردى. لىۋان قارانچۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەرۋان چاربېل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە جاكارلىشىچە، بومبا ھۇجۇمىدا 4 ئادەم ئۆلگەن، 20 نەچچە ئادەم يارىدار بولغان. بۇ قېتىمقىسى ھارمېل بازىرىدا يېرىم ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 2-قېتىملىق ماشىنا بومبا ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.
چاربېل لىۋان مۇخبىرلىرىغا سۆز قىلغاندا، 2-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 6 دە يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرىدىكى پارتلىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھۇجۇم قىلغۇچى ماشىنىنى ھەيدەپ، بۇ بازاردىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان، بەدىنىدىكى بومبىنى پارتلاتقان. بۇ پونكىتىنىڭ ئەتراپىدا ھېچقانداق پارتىيە گۇرۇھنىڭ ئورگىنى يوق ئىكەن.
بازا تەشكىلاتى (ئەل قائىدە تەشكىلاتى) غا تەۋە ئەل-نۇسرە فرونتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋاننىڭ شەرقىدىكى ھارمېل بازىرىدا يۈز بەرگەن ماشىنا بومبا پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئەل-نۇسرە فرونتى 1-فېۋرال كەچ Twitter ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى قوزغىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە بۇ لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىگە قارىتىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.