ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

مىسىر سولچىل سىياسىئونى ساباھى پرېزىدېنت سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىدۇ

ۋاقتى : 2014-02-09  مەنبەسى : شىنخۇا تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

201242615545814734_20.jpg

شىنخۇا تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرى (ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى): مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر سولچىل سىياسىي گۇرۇپپىسىنىڭ رەھبىرى، 2012-يىللىق پرېزىدېنت نامزاتى ھامىدىن ساباھى پايتەخت قاھىرەدە بۇ يىللىق پرېزىدېنت سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ساباھى بۇ يىللىق پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى رەسىمىي جاكارلىغان بىرىنچى ئادەم. 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇ ساقچىلار ۋە ئارمىيەنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئىنقىلابنىڭ نامىدا سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ساباھى ئىلگىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر مىسىر ئارمىيىسىنىڭ رەھبىرى سىسى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىسا، ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، مىسىر قوراللىق قىسىملىرى ئالىي كومىتېتى سىسنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىشغا قوشۇلدى، ئەمما ئۆزى قاتنىشىدىغان قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.

ساباھى ناسىرئىزمچى سولچىل زات، مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مۇھەممەد مۇرسى مەزگىلىدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك قۇتقۇزۇش فرونتىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان، 2012-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا بىرىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا مۇرسى، شەفىقلەرنىڭ كەينىدە قېلىپ شاللىنىپ كەتكەن.

ھامىدىن ساباھى 1954-يىلى 7-ئايدا مىسىرنىڭ شىمالىدىكى ئەل-شەيخ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېدىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ سولچىل ئەرەب دېموكراتىك ناسىرئىزمچىلار پارتىيىسىگە قاتناشقان، 1996-يىلى قەدىر-قىممەت پارتىيىسىنى قۇرغان، 2000-يىلى ۋە 2005-يىلى ئىككى قېتىم پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، نامايىش تەشكىللىگەنلىكى ئۈچۈن كۆپ قېتىم تۇتۇلغان.

مەنبە: شىنخۇا تورى، ئانا تۇپراق تورى تەرجىمە قىلدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا