تېڭشۈن تورى، 23 ـ يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى. كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كورىيە زۇڭتۇڭى پارك گۆنھىي 22 ـ يانۋار 44 ـ نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىللىق يىغىنىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەن، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابى شېنزۇ توساتتىن يىغىن مەيدانىدا پەيدا بولغان، لېكىن ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھېچقانداق سۆھبەت ئېلىپ بارمىغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئابى شېنزۇ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىنغا قاتنىشىدىكەن، لېكىن ئۇ مۇددەتتىن بۇرۇن يىغىن مەيدانىغا بارغان ۋە ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن پارك گۆنھىينىڭ نۇتۇقىنى ئاڭلىغان. نۇتۇق ئاياقلاشقاندا ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھېچقاندا ئۇچرىشىشتا بولمىغان.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئابى شېنزۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ياسوكونى ئىبادەتخانىسىنى تاۋاپ قىلىشتىن كېلىپ چىققان كورىيە ـ ياپونىيە جىددىي مۇناسىۋىتىنى پەسەيتىش بولۇپ، قەستەن بىر خىل « مۇلايىملىق»نى ئىپادىلىگەن.