ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

جۇڭگودىكى %60 تىن ئارتۇق مىليونېر چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتتى

ۋاقتى : 2014-01-17  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

يەر شارى تورى 17-يانۋار خەۋىرى: فرانسىيە خەلقئارالىق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 1-ئاينىڭ 16-كۈندىىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Rupert Hoogewerf تەتقىقات يۇرتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى ئون نەچچە مىليون پۇلى بار بايلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرچە ئىستېمالى %15 ئازلاپ كەتكەن، بايلارنىڭ كۆچمەن بولۇش نىسبىتى %64 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇلى بار بايلارنىڭ ئۈچتىن بىرى چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى بايلارنىڭ كۆچمەن بولۇش نسىبىتى ئۆرلەپ %64 كە يەتكەن، ئاساسلىقى ئۈچتىن بىر قىسىم 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مال-مۈلكى بار بايلار كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن، بايلارنىڭ جۇڭگودىن چىقىپ كېتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىۋەتكەن.
بىراق تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ قىسىم جۇڭگولۇق بايلار چەتئەلدە مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىنى ئالغان، بىراق دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتمىگەن.
ياۋروپاغا كۆچمەن بولغان بايلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا يەنىلا ئالدىنقى تاللاشقا ئايلانغان.
دوكلاتتا، جۇڭگولۇق بايلارنىڭ ھەشەمەتلىك بۇيۇم سېتىۋالمىغانلىقى، قەدىمقى ھۆسنىخەت ۋە رەسىملەرنىڭ يىغىپ ساقلاشتىكى ئالدىنقى تاللاشقا ئايلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ دۇنيانىڭ جۇڭگولۇق پۇلدارلارنىڭ كۆپىنچىسى «يەرلىك زومىگەر» دېگەن تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، كەلگۈسى 2 يىلدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىغا ناھايىتى ئىشىنىدىغان جۇڭگولۇق بايلار %31 كە يەتكەن، بۇ سان 5 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۆي-مۈلۈك بايلارنىڭ مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ، %35 جۇڭگولۇق بايلار ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى تاللىغان. پاي چېكى 2-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، %22.8 كە يەتكەن. بىراق بايلارنىڭ سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە باشقا ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش نىسبىتى نىسبەتەن كۆپ قىسىمنى ئىگەللىگەن. ئالتۇنغا مەبلەغ سالىدىغانلار %6 ئازلىغان، جۇڭگولۇق بايلارنىڭ خەير-ساخاۋەت قىلماسلىق نىسبىتى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، %40 كە يەتكەن.

تەرجىمىدە: ئاينۇر
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا