ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىئوردانىيەنى زىيارەت قىلدى

ۋاقتى : 2014-01-17  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 16-يانۋار خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىئوردانىيە خان سارىيى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياخۇنىڭ پايتەخت ئاممانغا زىيارەتكە كېلىپ، ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ بىلەن ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سۆھبەتلەشكەنلىكىنى جاكارلىغان.
بۇ قېتىمقى ئاز كۆرۈلىدىغان كۆرۈشۈش ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى جون كېررىي ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بولغان، كېررىي كەلگۈسى نەچچە ھەپتىدە ئوتتۇرا شەرققە يەنە بارىدۇ ھەمدە تىنچلىق مۇساپىسى ھەل قىلىش رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
كېررىي ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەققىدە بىر قاتار تەكلىپلەرنى بەردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ پېنسىيەگە چىققان گېنراللىرىدىن مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى قۇرۇپ، تىنچلىق كېلىشىمى مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى قىلدى.
نېتانياخۇ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى سۆز قىلغاندا، ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىختىلاپلارنىڭ ئىشنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغانلىقىنى، سىياسىي شەخسلەرنىڭ شەخسىي ئەخلاقىغا قارىتىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
 
تەرجىمىدە: نەپرەت

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا