ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

خېبېي ئۆلكىسى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە ئىككى ئەمەلدار ئېلىپ كېتىلىپ تەكشۈرۈلدى

ۋاقتى : 2014-01-17  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم


سۇمرۇغ تورى 17-يانۋار خەۋىرى: 21-ئەسىر ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى كۆپ خىل يوللاردىن ئىگىلىشىچە، خېبېي ئۆلكىلىك دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى ليۇ شۆكۇدىن باشقا يەنە، خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى قانۇن تۈزۈم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كومىتېت ئەزاسى لياڭ شۇلىنمۇ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ئاخىرلاشقان خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئىككى يىغىنىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىپ تەكشۈرۈلگەن.
خېبېي ئۆلكسىىدىكى كۆپلىگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە ھۆكۈمەت، خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىكى زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لياڭ شۇلىن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە تۇيۇقسىز ئېلىپ كېتىلگەن.

خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى: «لياڭ شۇلىن سايلام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىپ كېتىلدى» دېگەن.
خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالنى بىلىدىغان كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، لياڭ شۇلىن خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. مۇخبىر خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىېتىنىڭ ئىسپات بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلغان، بىراق خەۋەر ئېلان قىلىنغىچە بولغان ئارىلىقتا جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.
خېبېي ئۆلكىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئىككى يىغىندا، لياڭ شۇلىننىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىك سالاھىيىتى شىجياجۇاڭ شەھەرلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تەۋە بولغان.
ئېلان قىلىنغان ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، لياڭ شۇلىن ئۇزۇن مەزگىل ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلاردا خىزمەت قىلغان ھەمدە ئورگانلارنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان.
ئۇ 1999-يىلى 7-ئايدا خېبېي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خېبېي ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار خوجىلق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن.
2008-يىلى 4-ئايدا خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى لياڭ شۇلىننىڭ خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋە خېبېي ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار خوجىلق ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان.

تەرجىمىدە: ئاينۇر
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا