پۇتبۇل تەنەپۇسى ئالاھىدە تور- تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئۇيغۇر تور ياكى تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى تۇنجى ۋە كەسىپلەشكەن پۇتبۇل ئانالىزى ۋە ساۋاتلىرى ئاساس قىلىنغان كەسپى پروگىرامما بولۇپ ، پۇتبول ساھەسىدىكى ئىزدەنگۈچى ياشلار ئۇزۇن مەزگىل پىلانلاپ ، ئوتتۇرغا چىقارغان . شۇنداقلا مەخسۇس سەھىپىلەر ئارقىلىق خەۋەر ، ئانالىز ۋە ساۋاتلارنى يەتكۈزىدىغان كەسپى پروگرامما .
ئۇيغۇر تور مەدەنىيەت ئشلىرى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسىىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان چىمبۇلاق تور تېخنىكىسى مېدىيا ستۇدىيىسى "چىمبۇلاق ئېكرانى " پروگراممىسىدا ئوخشاشلا پۇتبول تەنەپپۇسى پروگراممىسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش شۇنداقلا تىرىشىپ ياخشى قىلىش مەقسىتىدە داۋاملىق تىرىشىپ ، ئىزدەنمەكتە ، شۇنداقلا قوشۇننى سەرخىللاشتۇرۇپ ئۈزۈكسىز يېڭىلىق ياراتماقتا .
مەقسىدىمىز قانداقتۇر مۇشۇ ساھەنى تۇتۇپ پۇل تېپىش ياكى كۆزگە كۆرۈنۈش ۋە ياكى دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدىلا ئۆزىمىزنى نامايەن قىلىۋىلىش ئەمەس ، بىر يىلدىن بېرى ئىشلىنىپ كېلىۋاتقان پۇتبۇل تەنەپپۇسى پروگراممىمىز ئارقىلىق ھەر ساھەدىكى پۇتبۇل سۆيەر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن خالىس خىزمەتلەرنى قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە پۇتبول سۆيەر خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ ئۇلارغا زوق ئاتا قىلىش !
قېنى دوستۇم سىزمۇ پۇتبول تەنەپپۇسى پروگراممىسىنى كۆرۈپ باھا بېرىڭ ، قوللاڭ ، دوستلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ !