ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئۈرۈمچى ئەركان ئىمپورت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

ۋاقتى : 2014-01-17  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئۈرۈمچى ئەركان ئىمپورت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى


ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى : 2014- يىلى 1- ئاينىڭ 16- كۈنى، چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00دە، شىنجاڭ ئىلىم - پەن ئىنىستىتۇتى يىغىن زالىدا شىنجاڭ كىنارە پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى - ئۈرۈمچى ئەركان ئىمپورت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى مەركىزى ئورۇنلاشتۇرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق يىغىنغا 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. يىغىنغا ئانا تۇپراق تورى، مىسرانىم تورى، كۆكتۇلپار تورى،  ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللىكتىپى ۋە ھەر قايسى شىركەتلەر ۋە تەشۋىقات ئورۇنلىرىدىن ۋەكىللەر قاتناشتى. يىغىندا شىركەتنىڭ لىدىرى ئالىمجان ئابدۇقادىر ئەپەندىم نۇتۇق سۆزلىدى. نۇتۇقتا ئۇ «ئەركان» نامىدىكى بىر تۈركۈم ئىمپورت ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى ۋە شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تېبابەت ئىنىستېتۇتى مۇدىرى، پروفىسسور، تەتقىقاتچى نۇرمەمەت دوكتۇر بىلەن ھەمكارلىشىپ، «ئەقراپ كاپسۇلى» ۋە «ئەفى» كاپسۇلىنى بازارغا سالغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن خەلققە ئىشەنچلىك مەھسۇلاتلارنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا سۇنۇشنى سۆزلەپ ئۆتتى.
بۇ قېتىملىق يىغىنغا خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان تالانتلىق ئارتىس مەمەتجان روزى سايىت رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ تىل قابىلىيىتى ئارقىلىق تاماششىنبىنلارنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۈتۈرۋەتتى ، شىركەتنىڭ ئوبراز ۋەكىلى ئۆمەرجان ئالىم، يەنە شۇنداقلا خەلق ياقتۇرۇپ سۆيگەن ناخشىچىلىرىمىزدىن ئابلىمىت مامۇت، ئەيسابەگ مەمەت، قۇربانجان ئابدۇكېرىم، رەنا روزى،نۇرنىسا ئابباس ، ئۇسسۇلچى شاراپەت راخمانلارمۇ قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. ئابلىكىم كەلكۈن ئاكىمىزمۇ بۇ يىغىن ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ناخشىسىنى كىشىلەرگە تەقدىم ئەتتى. كىيىم لايىھەچىسى نۇرىمانگۈل ھەدىمىزمۇ ئۆزى لايىھەلىگەن بىر قانچە چىرايلىق، مىللىي ھەم زامانىۋى كىيىملەرنى كىشىلەرنىڭ ئالدىدا نامايەن قىلدى. سەنئەتكار ئۇستاز، تالانتلىق شائىر مۇختەر بۇغرا ھاجىمۇ يىغىنغا تەكلىپ بىلەن سۆز قىلدى. شىركەت << بىلىپ ساخاۋەت ئەتىرتى >> ئارقىلىق 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ساغلاملىق مەھسۇلاتنى ئىئانە قىلدى .

پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم سۈرەتلەر:
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا