ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2-قېتىملىق ۋاكالەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى

ۋاقتى : 2013-12-04  مەنبەسى : ئانا تۇپراق تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى ھەققىدە

 

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى 11-ئايدا ئاقسۇدا قۇرۇلغان بولۇپ، دىيارىمىزنىڭ گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىدىكى تۇلپاردەك چېپىپ كېتىۋاتقان شىركەتلەرنىڭ بىرى. بۇ شىركەت تۇنجى قەدەمدە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ ‹‹ھۆسنىگۈل›› ماركىسىدىكى داغ، سەپكۈن يوقىتىش مەلھىمىنى بازارغا سالدى .بۇ مەھسۇلات بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا كىشىلەرنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولدى.
شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ياسىنجان مۇھەممەت بىلەن ئۇنىڭ ئايالى، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى روشەنگۈل خانىم بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي جاپالىق ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە بازار تەكشۈرۈش جەريانىدا، رايۇنىمىزدىكى نۇرغۇن خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىككە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تېرە ئاسراش، تېرە ئاقارتىشقا دائىر مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياجنىڭ بەكلا يۇقىرىلىقىنى ھېس قىلىپ تەبىئىي ئۈسۈملۈك جەۋھەرلىرىدىن ياسالغان  يەنە بىر يۈرۈش مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى. ھۆسنىگۈل شىركىتى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلىنىشتىن تارتىپ بازارغا سېلىنغىچە بولغان جەرياندا، ۋاكالىتەن مال ئىشلەپ بېرىۋاتقان  زاۋۇتلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەربىر ئۆتكەلنى  قاتتىق تەكشۈرۈپ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، سۈپىتىدە مەسىلە بار ماللارنىڭ بازارغا كىرىشىدىن قاتتىق ئالدىنى ئالدى.
    ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى ھازىرغا كەلگىچە رەڭلىك گىرىم بۇيۇملىرى، داغ، سەپكۈن يوقىتىش، تېرە ئاسراش، چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، سۇ تولۇقلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى 60 خىلغا يېقىن مەھسۇلاتنى بازارغا سالدى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالقىشلانغىنى ‹‹ھۆسنىگۈل›› داغ، سەپكۈن يوقىتىش يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا دىيارىمىزدىكى كەڭ خانىم-قىزلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا دىيارىمىزدا تېرە ئاسراش تېرە ياشارتىشقا دائىر يۈرۈشلۈك  مەھسۇلاتلارنىڭ يوق بولىشىدەك بىر ئەھۋاللارغا خاتىمە بەردى. ھازىر  ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ دىيارىمىزدا 50 تىن ئارتۇق سېتىش نۇقتىلىرى قۇرۇلدى. شىركەت 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە ھۆسنىگۈل شىركىتىنىڭ بىر قىسىم ۋاكالەتچىلىرى بىلەن خېرىدارلار ۋەكىلىنى تەكلىپ قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى  ئېچىپ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. بۇ سۆھبەت يىغىنىغا شىركەتنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن ۋاكالەتچىلىرى، ‹‹ھۆسنىگۈل›› مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقان خېرىدارلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .شىركەت ۋاكالەتچى ئورۇنلارنى بىرىنچى، ئىككىنچى ئۈچىنچى دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى.
ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى سودا قىلىپ بېيىغاندا ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ھازىرىغىچە مائارىپ، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەرگە ھەرخىل شەكىللەردە ساخاۋەت قولىنى سۇنۇپ كەلدى. شىركەت يەنە تېلېۋىزىيە، تور، ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹تەلەي يۇلتۇزى››، ‹‹ناۋا›› پىروگراممىلىرى قاتارلىقلاردا ئېلان-تەشۋىقات ئىشلىرىنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا يەنە دۆلەت سىرتىغىمۇ مال تارقىتىشنى باشلىدى، ئۆزبېكىستاننىڭ داڭلىق ياش ناخشىچىسى نادىرە ‹‹ھۆسنىگۈل›› يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولدى. شىركەت ‹‹ھۆسنىگۈل›› ماركىسىدىن باشقا يەنە، ‹‹ھۆسنىنۇر››، ‹‹ئۆزگۈل›› دېگەن ناملارنىمۇ تىزىمغا ئالدۇردى.
بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئەلنىڭ سەمىمىي رىغبىتى ۋە تىلەكلىرى بىلەن گۈللەپ ياشنىغان، پاكىزلىقنى، ئىشەنچ–ئەقىدىنى، سەمىمىيەتنى ئاداققىي نىشان قىلغان شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىدە، خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا رەڭدارلىق، خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ چېھرىگە تەبەسسۇم ئاتا قىلىش يولىدا داۋاملىق تىرىشىدۇ.
 

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2-قېتىملىق ۋاكالەتچىلەر يىغىنى ئېچىلدى

 

ئۆز خەۋىرىمىز: شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ 2-قېتىملىق ۋاكالەتچىلەر يىغىنى 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ‹‹گۈزەل قاشتېشى›› مېھمانسارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر ھەنىپە ئابدۇللا خانىم، جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ تەربىيەلەش مەركىزى كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئۈرۈمچى شىرخان بازار تىجارىتى مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، بازار، سودا، ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى ئەلى ئاتاۋۇللا، شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياسىنجان مۇھەممەت ئەپەندىم، ياسىنجان ئەپەندىمنىڭ خانىمى، شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى روشەنگۈل خانىم، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ مۇخبىرى، رىياسەتچىسى توخنىياز ئىسمائىل، شىنجاڭ گۈلبىز خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى تاڭنۇر خانىم، شىنجاڭ جەلپكار خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىدىن ئابدۇغېنى ئەپەندىم، شۇنداقلا شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ، باي، پوسكام، يېڭىشەھەر، ماراپبېشى، ئۈرۈمچى، خوتەن، يوپۇرغا، شايار، پەيزاۋات، غۇلجا، قومۇل، مەكىت، چەرچەن، بۈگۈر، كورلا قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ۋاكالەتچىلىرى ۋە بىر ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى.
يىغىندا، ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئالىي مۇھەررىر ھەنىپە ئابدۇللا خانىم بارلىق يىغىن ئەھلىگە ئاياللارنىڭ گۈزەللىك قارىشى ۋە پىسخىكىسى توغرىسىدا مەخسۇس سۆزلەپ، بارلىق ۋاكالەتچىلەرنى بۇ ھەقتە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى. جۇڭگو نېفىتى شىنجاڭ تەربىيەلەش مەركىزى كۇتۇپخانىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئۈرۈمچى شىرخان بازار تىجارىتى مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، بازار، سودا، ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى ئەلى ئاتاۋۇللا بازار تىجارىتى ۋە سېتىشنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ھەققىدە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەپ بەردى. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ياسىنجان مۇھەممەت بىلەن مۇئاۋىن باش دىرېكتورى روشەنگۈ خانىم ۋاكالەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە ئۇلارنىڭ سورىغا سوئاللىرىغا قانائەتلىنەرلىك ھالدا جاۋاب بەردى.
يىغىندا يەنە، يىللىق سېتىش سوممىسىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلىغان ۋاكالەتچىلەر مۇكاپاتلاندى ھەمدە تۈركىيە، دۇبەي، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، سەنيا، شۇنداقلا مەملىكەت ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا ئۆلكە، شەھەرلىرىگە ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى سېتىش سوممىسى ياراتقان قەشقەردىكى ۋاكالەتچى تۈركىيە، دۇبەيگە مەخسۇس ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
 

 

 

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا