ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئۈرۈمچىدە بۈگۈن يەنە بىر كاتتا ئىش بولدى

ۋاقتى : 2013-12-03  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : كۆرۈلىشى : قېتىم

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى تەرىپىدىن يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان بۈيۈك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»

10.jpg

دۆلەر ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق ئۇيغۇر تىلشۇناس ئالىمىمىز، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پروفېسسورى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىقى خىزمىتى كومېتىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئۇستازىمىز مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى
تەتقىقاتچى پروفېسسور مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىنىڭ بۇ قىممەتلىك سوۋغىسىنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرياتى نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ، بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ يېڭى ۋە تولۇق بولغان فەرغانە نۇسقىسىنى تارقىتىش ئاخبارات-ئېلان قىلىش مۇراسىمى مەرىپەتۋەر مىللى كارخانا بولغان شىنجاڭ غەرب ئېلېكترى ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى سەھەرچى مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن ماددى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلىشى بىلەن، گۈزەل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قايناق بازىرىغا جايلاشقان «قىزىل ياقۇت» مېھمانسارىيىدا ئېچىلدى.

014.jpg

بۈگۈنكى يىغىنغا ئانا دىيارىمىزنىڭ تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى داڭلىق ئالىملار، ئۇستازلار، تەتقىقاتچىلار، پروفېسسورلار ۋە داڭلىق ئەدەبىياتشۇناسلار ۋە ئاخباراتچىلار بولۇپ، 300 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.

02.jpg

يىغىنغا داڭلىق تىلشۇناس ۋە ئۇستازلاردىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى، شائىر، تەرجىمان مۇختار مەخسۇت ئەپەندى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى پروفېسسور ئازات سۇلتان ئەپەندى؛ شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان ئەبەي ئەپەندى؛ شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تارىخ-مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فېلىلوگىيە كەسپى بويىچە دوكتۇر ئاسپىرانت يېتەكچىسى، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى ۋە ئايرىم ھالدا سۆز قىلدى.

017.jpg

ئازات سۇلتان ئەپەندى سۆز قىلماقتا


يىغىن ئىنتايىن خۇشاللىق ۋە ھاياجان ئېلكىدە ئېلىپ بىرىلدى. تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى پروفېسسورلار بىردەك ھالدا، بۇ قېتىمقى «قۇتادغۇبىلىك» بۈيۈك ئەسىرىمىزنىڭ فەرغانە نۇسقىدا ئۈچۈنچى قېتىم نەشىر قىلىنغانلىقى رايونىمىز، جۈملىدىن دۇنيا تۈركلوگىيە ئىلىم ساھەسىگە قىلىنغان كاتتا سوۋغات ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ بۈيۈك ئەسەرنى يەنە قايتا تەييارلاشقا تۇتۇش قىلىپ روياپقا چىقارغان ئۇستاز ئالىمىمىز مىرسۇلتان ئەپەندىنىڭ 80 دىن ھالقىنىغا ھەم سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىغىمۇ پىسەنت قىلماستىن، قان-تەرىنى ئاققۇزۇپ ھۇجۇتقا كەلتۈرگەنلىكىدىن تولىمۇ تەسىرلىنىپ مىننەتتار بولغانلىقىنى چىن يۈرەكتىن چىققان تازىم-ئېھتىراملار ئارقىلىق بېلدۈرۇپ، ئېزلىرى بولغان بىزنىڭ زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى، كېيىنكىلەرگە بۇ ئۇستاز ئالىمىمىزدەك داغدام بىر يولنى ئېچىش ئۈچۈن قەتئى تېرىشىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ ئۆتتى.

11.jpg

 

بىز بۇ يەردە بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ قايتا مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلىغان ۋە ماددى جەھەتتىن ئايىماي خالىس ۋە ئۈنتىنسىز ھالدا تۆھپە قوشقان شىنجاڭ غەرب ئېلېكترى ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش لېدىرى غولام ھاجى سەھەرچىگە ۋە شىركەت قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى سەھەرچى مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتىنى ئالاھىدە تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. يىللاردىن بىرى ئىزچىل ھالدا ئۈنتىنسىز روھ بىلەن مائارىپىمىزنى قىزغىن قوللاپ قۇۋەتلەپ، «تۈرك تىلىدىن ئاساس» «دۇنيادىكى داڭلىق كارىخانىلارنىڭ مەغلۇب بولىشىدىكى 3000 ساۋاق» قاتارلىق كىتابلارنى ئۆز ئالدىغا نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتقان بۇ شىركەت، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ فەرغانە نۇسقىسىنى قايتا نەشىر قىلىشتىن ئىبارەت يەنە بىر چوڭ ئىشقا سېخى قولىنى ئېچىپ، نەشىرگە تەييارلىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ماددى جەھەتتىن زور ياردەملەرنى بەردى.

13.jpg

 

سۈرەتتە: مەرىپەتپەرۋەر كارىخانىچى غولام ھاجى سەھەرچىنىڭ دادىسى (سول تەرەپ) ۋە ئالىم مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى (ئوڭ تەرەپ)


ئۇلۇغ ئىشلار ھەرۋاقىت زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى چىن يۈرەكىدىن تونۇپ يەتكەن ئەڭ مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر ۋە كىشىلەر كوللىكتىپىدىن روياپقا چىقىدۇ. قېيىنلىق دەرىجىسى ۋە كەسىپچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بۇ بۈيۈك ئەسەرنىڭ روياپقا چىقىشىغىمۇ بىر نەچچە يىلدىن بىرى ئۈنتىنسىز ھالدا قان-تەرىنى ئاققۇزغان، مىھنەتسىز ۋە جىمجىت ھالدا ئەجىر سىڭدۈرگەن باشقا ئۇستازلىرىمىز، تەتقىقاتچىلىرىمىز، ئەدىبلىرىمىز ۋە خىزمەتچىلىرىمىزنى بىز بۇيەردە بىرمۇ-بىر دەپ بولالمايمىز ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئەسەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە ماددى سەم مەنىۋى جەھەتتىن قان-تەر ئاققۇزغان كوللىپتىپقا قاراپ، كۆپنىڭ كۈچىنىڭ تولىمۇ زور ۋە مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدۇق...ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ بۈيۈك ئەسەردىن پەخىرلىنىمىز، جاھانغا مەيدىمىزنى كېرىپ تۇرۇپ، بىز ئەنە شۇ بۈيۈكلەرنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۇيغۇر دەپ ئىيتالايمىز...ئۇستاز يول ئاچقۇچىلارنىڭ ئېزىنى ئۆچۈرۈپ قويماي، يەنە باشقا يېڭى يوللارنى ئېچىپ كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىشقا كۈچىمىزنى قىلچىمۇ ئاياپ قويمايمىز ۋە ھەر قانداق بىرىمىزنىڭ بۇ ئابىدە ئەسىرىنى تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاش بىزنىڭ مەجبۇرىيتىمىزدەپ قارايمىز...

019.jpg

 

ئاخىردا بىز ئۆز نامىمىزدىن بۇ بۈيۈك ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئالىمىمىز مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەر بىر تۆھپىكارلارغا چىن يۈرىكىمىزدىن رەھمەت ۋە مىننەتتارلىقنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، ھاياتىنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى تىلەيمىز.

01.jpg

 

03.jpg

 

 

 

012.jpg

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا