ئاياللارنى بىر مىللەتنىڭ ئانىسى دەپ سۈپەتلەيمىز. ئانا بولغان زاتقا قويۇلغان روھى ۋە جىسمانىي تەلەپ تولىمۇ ئېغىر بولغىنى ئۈچۈن، بۇ تەلەپلەرنى ئادا قىلىشنىڭ بەسىي مۈشكۈللىكىنى بۇرۇن پەقەت ئاياللارلا بىلىدۇ، دەپ قارايتۇق.
لېكىن مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئاياللارنى جۈمىلىدىن شۇ كەلگۈسى بولمىش ئانىلارنى چۈشىنىدىغان، ھالىغا يېتىدىغان ۋە تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكتە.
جۈملىدىن يۇرتىمىز شىنجاڭدىمۇ شۇنىڭدەك كۆڭۈل بۆلۈش خۇش خەۋەرلىرى بەس-بەستە تارقالماقتا. ئەنە ئوقۇشسىز قالغان بىچارە قىز مىھرىبان ئاپىلار، ساخاۋەتلىك دادىلار ياردىمىدە بىلىم قوينىغا قايتىپ كەلدى...ئەنە كىچىكلىكىگە قارىماستىن كوچىلاردا قورساق بېقىش ئۈچۈن ياكى مىھرىبان ئاتا-ئانىسىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرگەن <بالا يىگىت>نى مىھرىبانلىرىمىز قوينىغا ئېلىپ، ئۈنتىنسىز ھالدا ھالىغا يەتمەكتە...سۆزلەپ كەلسەك مۇنداق مىھرىبانلىقلار تولىمۇ كۆپ. ئەمما بۇ يەردە كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر تىۋىشسىز ھىكايە شۇكى، ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىدىكى قىزلىرىمىزنىڭ، بولغۇسى ئانىلىرىمىزنىڭ، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كىتىدىغان مەبلەغقە تەرەپ-تەرەپتىن ياردەم قىلغان مىھرىبانلار ئىچىدە، شىنجاڭ ئۆز تۈرك شىركىتىمۇ بار. ئەمما ئۇلارنىڭ قىلغىنى ئۆزگىچە بولدى.
شىنجاڭ ئۆز تۈرۈك شىركىتى تۇنجى قېتىم 2012-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچىدە بەش مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى < ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتى > نى تەسسىس قىلىپ، شىنجاڭدىكى قىيىنچىلىق ئېغىر، لېكىن كۈچلۈك بىلىم ئېلىش قىزغىنلىقى، تىرىشچانلىقى ۋە ئادىمىيلىكى بىلەن بىزگە ئۈلگە بولالىغۇدەك ھەرمىللەتتىن تەركىب تاپقان قىز ئاسپراتلارغا ئېلھام بولۇش يۈزىسىدىن تەقدىم قىلغان ئىدى. ھالا بۈگۈنگە قەدەر بۇ مىھرىبانلار سېخى قولىنى يۇمۇپ قويغىنى يوق.
كېيىنكى مەزگىللەردە شىنجاڭ ئاياللار-بالىلار فوندى جەمئىيتى بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تىپىپ، ئۆزى باش بولۇپ ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ رايونىمىز قىز-ئاياللىرىغا قىلغان ئەمەلىي ياردىمىگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولدى ۋە تولىمۇ سۆيۈندى. نەتىجىدە يەنە بىر قېتىملىق < ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتى > نىڭ 14 نەپەر ھەر مىللەتتىن تەركىب تاپقان قىز ئاسپرانت ساھىبخانلىرى مەيدانغا كەلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تۈنۈگۈن ئۆز تۈرك شىركىتىدە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا ئىگىلىشىچە، <ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتى> نى تارقىتىش جەريانىدا، يۇرتىمىز شىنجاڭدا تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئۈنتىنسىز ھالدا كۆرۈنەرلىك تىرىشىۋاتقان ۋە ئادىمىيلىكتە ئۈلگە بولالىغۇدەك قىز ئاسپراتلارنىڭ شۇنچە كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئۆز تۈرك شىركىتى ئىجرائىيە باش دىرىكتورى تاھىر ئىمىن ئەپەندى مۇخبىرىمىزغا: <بۇ بىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھەر تۈرلۈك مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى، شۇ ئېلھاملار بىلەن بىز يەنە "شەرەپ مۇكاپاتى" ۋە "پىداكار ئاسپرانت ئايال مۇكاپاتى" دىن ئىبارەت ئىككى مۇكاپات تۈرىنىمۇ تەسىسى قىلدۇق، مەيلى قانداقلا مىللەت بولمىسۇن، قىزلار مىللەتنىڭ ئانىسى بولغىنى ئۈچۈن بىلىمسىز قالماسلىقى كېرەك، بىز بۇ جەھەتتە قولىمىزدىن كەلگەن ياردەمنى ھەرگىز ئاياپ قويمايمىز> دېدى
ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ <قولى ئوچۇقنىڭ يولى ئوچۇق> دەيدىغان ھىكمىتى بار. بىز رايونىمىزدا شۇنىڭغا ئوخشاش مىھرىبانلىقلارنىڭ كۈچ ئۇلاش مۇسابىقىسىدەك ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى، ھەممىدىن مۇھىمى ئانا بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان قىزلىرىمىزنىڭ ھەر ۋاقىت مىھىر-مۇھەببەت ھېس قىلىپ تۇرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
قوشۇمچە:
شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى يىپەكچىلىك ۋە ئەرەنچە كىيىم-كېچەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە مەھسۇلات سۈپىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، شىركەت تېز سۇرئەتتە تەرەققى قىلىپ نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسيا بويىچە ئەڭ چوڭ يىپەك سېتىش مۇلازىمەت كارخانىسغا ئايلاندى. شىركەتنىڭ ئۆز تۈرك ، ئالاي ، ئالمىنى ماركىلىق يىپەك ياغلىقلىرى؛ رامسار، چامىس، پائۇل كانتى قاتارلىق ياۋروپا ئەرەنچە كىيىم ساھەسىدىكى داڭلىق ماركىلىرى بار بولۇپ، شنجاڭدىكى 35 ئورۇندا مەخسۇس سېتىش نۇقتىسى بار. ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەش دۆلەت ۋە ئىران، ئەزەربەيجان، ھىندۇنېزىيە، مالايسيا قاتارلىق ئون دۆلەتتە ئۆز تۈرك سودا ماركىسى تىزىملانغان ۋە ۋاكالەتچى تەسس قىلغان؛ تۈركىيەنىڭ ئستانبۇل شەھىرىدە رامسار شىركىتى، ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدە ئۆز تۈرك ئىمپورت-ئېكىسپورت شىركىتى قۇرغان بولۇپ، شىركەت خىزمەتچىلىرى 150 دىن ئاشىدۇ.
ئاخىردا ئالدىنقى قېتىملىق < ئۆز تۈرك قىز ئاسپراتلار مۇكاپاتى> تارقىتىش پائالىيتى تۈۋەندىكى ئادىرستىن كۆرۈڭ !