بۈگۈن (3-نويابر)چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارالىق سودا شىركىتى پىلانلاپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ئاياللار-بالىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيتى ھەمكارلاشقان ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قوللىغان «ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى»نىڭ 2-قېتىملىق تارقىتىش مۇراسىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسى ئىلمى دوكلات زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپ ئەيسا؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى خەلچەم ئىسلام، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمىئىيتىنىڭ باش كاتىۋى چىن خۇا ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى ھەرقايسى كۆزگە كۆرۈنگەن دوكتۇر پروفېسسورلار، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالى مەكتەپ ۋەكىللىرى ۋە مۇتەخەسىسلىرى، شۇنداقلا ھەر قايسى تاراتقۇلار، كارخانىچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بولۇپ 200 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا بىلەن جۇشقۇن جۈمە يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيتىنىڭ باش كاتىۋى چىن خۇا خانىم سۆز قىلىپ : ئاياللار مائارىپىنى قوللاش ئاياللارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى شۇنداقلا فوندى جەمىئىيەتنىڭ مۇھىم خىزمىتى ئىكەنلىكىنى، فوندى جەمىئىيەتنىڭ بۇندىن كېيىن داۋاملىق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن تەڭ كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆز قىلىپ: رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت قىز-ئاياللىرى تەرەققىي قىلسا، ئىقتىساد ۋە ئاڭ سەۋىيەسى ئۆسسە، رايونىمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ئۈچۈن سېلىنغان بىر چوڭ قەدەم بولىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن رايونىمىز ۋە كارخانىلار ئىقتىسادىي ئۈچۈن چوڭ بىر تەرەققىياتتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى
شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا شىركىتى باش ئىجرائىيە دىرىكتورى تاھىرئىمىن ئەپەندى ئۆز تۈرك مۇكاپاتىنى تونۇشتۇردى ۋە مۇكاپاتلاش شەرتلىرى ۋە جەريانلىرىنى يىغىن ئەھلىگە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، شۇنداقلا قىزلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىنى سۆزلەپ ئۆتتى
ئىگىلىنىشىچە بۇ قېتىملىق مۇكاپاتقا مەلىكە سۇلايمان، گۇ سۇنا، رىزا خەرەن ۋە بەي جىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق ۋە شىبەدىن ئىبارەت تۆت مىللەتتىن تەركىب تاپقان 14 نەپەر ئاسپرانت قىزلار ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ھالدا تىلشۇناسلىق، فولكلور، ئىقتىسادشۇناسلىق، سىياسىي قانۇن، كومپىيۇتېر، فىزىكا، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە ۋە خىمىيە ساھەلىرىدە ئۈن تىنسىز تىرىشىپ نەتىجە قازانغان ۋە ئادىمىيلىكتە بىزگە ئۈلگە بولالىغۇدەك قىزلاردىن ئىبارەت ئىكەن.
ھەر قايسى ئۇنۋېرسىتېتلاردىن بۇ قىزلارغا يىتەكچى بولغان پروفېسسور ئۇستازلار ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم قىلىپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە مۇكاپات بۇيۇمى بولغان بەش مىڭ يۈەن نەق پۇل، شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات لوڭقىسىنى ئۇلارغا تارقىتىپ بەردى.
بىز ئۆز نامىمىزدىن رايونىمىزدىكى ئەشۇ جاپاكەش قىزلىرىمىزنىڭ ئادىمىيلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز كەسپىدە تىرىشىپ، مەيلى قانداقلا قىيىنچىلىق ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ياكى تۇرمۇشقا ئېرىشسۇن، ئىزچىل ھالدا ئەدەپ-ئەخلاقلىق ۋە تەربىيە كۆرگەن ئىلمى قىز-ئاياللاردىن بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تاشلىۋەتمەي كۆرەش قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە شۇنداقلا شىنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارالىق شىركىتىنىڭ رايونىمىز قىز-ئاياللىرىغا قىلغان ئەمەلىي ئىلھامىغا رەھمەت ئېيتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى تىلەيمىز.
«ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبىلىرى رەھبەرلەر بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە
«ئۆز تۈرك ئاسپرانت قىزلار مۇكاپاتى»نىڭ ساھىبىلىرى ئۇستازلىرى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە