ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

چاڭ سۇڭ تىك بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ ئايالىنىڭ چاتىقى بارمۇ؟

ۋاقتى : 2013-12-16  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى خەۋىرى: شىمالىي كورىيە دائىرلىرى چاڭ سۇڭ تىكنىڭ تازىلانغانلىقىنى داغدۇغا بىلەن دەلىللىگەندىن كېيىن، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ موللاق ئېتىشىغا ئالاقىدار سۆز-چۆچەكلەر ھەممە يەرنى قاپلىدى. جەنۇبىي كورىيەدىكى بىر قىسىم مېدىيەلەر خەۋەر قىلىشىچە، چاڭ سۇڭ تىك بىلەن ئارمىيە زىددىيەتلىشىپ قالغانلىقتىن موللاق ئاتقان، ئەمما بىر قىسىم زاتلار دېيىشىچە، چاڭ سۇڭ تىك كىم جوڭ ئۇننىڭ ئايالى رى سول-جۇ بىلەن بىنورمال مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن غۇلاپ چۈشكەن.
جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئېقىم مەسىلىلىرى ژۇرنىلى «يەكشەنبىلىك ئېقىم مەسىلىلىرى» ھەپتىلىكى ئۇچۇر بەرگۈچى زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، يېقىندا ئۇنخاسۇ ئوركېستىرىنىڭ كىم جوڭئۇننىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى خيون سوڭ-ۋولنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 ئەزاسى شەھۋانىي فىلىم ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئېتىپ تاشلانغان ئىدى. ئەينى چاغدا، خەلق ئامانلىق مىنىستىرلىكى تەكشۈرگەندە ئوركېستىردىكى بىر ئەزانىڭ «رى سول-جۇ ئىلگىرى بىز بىلەن بىرگە ئوينايتتى» دېگەن سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ قالغان. دائىرىلەر يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۇيۇقسىز رى سول-جۇ بىلەن چاڭ سۇڭ تىك ئىشلىگەن شەھۋانىي فىلىمنى بايقاپ قالغان.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىش كىم جوڭئۇننى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن، ئۇ چاڭ سۇڭ تىك ۋە رى سول-جۇنى كۆزدىن يوقىتىشنى قارار قىلغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كىم جوڭئۇن نۆۋەتتە قايتىدىن لايىق تاللاۋېتىپتۇ.

ئالاقىدار خەۋەرنى شىمالىي كورىيەنى تەتقىق قىلىدىغان كۆپلىگەن زاتلار دەلىللەشكە ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ تەختتىن چۈشۈشى بىلەن رى سول-جۇ مۇناسىۋەتسىز بولغان تەقدىردىمۇ، چاڭ سۇڭ تىك بىلەن رى سول-جۇنىڭ بىنورمال مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرەلمەيدىكەن.
دەل كېلىپ قالدىمۇ يوق، رى خول-سو يېقىنقى 50 نەچچە كۈندە ئىزچىل كۆرۈلمىگەن. ئەگەر 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سابىق رەھبەر كىم جوڭئىل ۋاپاتىنىڭ 2 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ئۇ يەنە كۆرۈلمىسە، بۇ خەۋەرنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، جەنۇبىي كورىيە MBC تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇستەقىل خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە چاڭ سۇڭ تىكنىڭ چەتئەلدىكى مال-مۈلكىنى ئىز قوغلاش ئۈچۈن، ئىككى ئاي ئىلگىرىلا مەخپىي تەكشۈرۈشنى باشلىغان. مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ئامانلىق مىنىستىرلىكى شىمالىي كورىيەنىڭ پۈتكۈل يەر شارىدىكى 50 نەچچە ئورۇندا تىجارەت قىلىۋاتقان «خى دۋاڭ خۋا» رېستۇرانىنىڭ بىر قىسىم كىرىمى چاڭ سۇڭ تىكنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدۇ دەپ پەرەز قىلغان، يەنە بېيجىڭدىكى «خى دۋاڭ خۋا» رېستۇرانىنىڭ باشلىقىنى تەكشۈرگەن.
جەنۇب شىمالىي كورىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار زاتلارنىڭ دېيىشىچە، پيوڭياڭ بۇرۇن چاڭ سۇڭ تىك باشقۇرۇشىدىكى تىپۇڭ مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى ۋە بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار خادىملارنى 10-ئايدا قايتۇرۇپ كەتكەن، ئۇلاردىكى بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق كىشىلەر تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن 11-ئايدا بېيجىڭغا قايتىپ ئىشقا چۈشكەن. بۇ شىمالىي كورىيە ئارمىيىسى باشچىلىقىدىكى تەكشۈرۈش بولۇپ، بۇ جەرياندا چاڭ سۇڭ تىكنىڭ جىيەن قىزىنىڭ ئېرىمۇ يوقىتىلغان.
بۇنىڭدىن سىرت، 2004-يىلدىن 2012-يىلغىچە كىم جوڭ-نام بىلەن 150 نەچچە پارچە ئېلخەت ئالاقىسىدە بولغان «توكيو خەۋەرلىرى» نىڭ مۇھەررىرى گومى يوجىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، چاڭ سۇڭ تىك موللاق ئاتقاندىن كېيىن، جۇڭگو كىم جوڭ-نامنى قوغداش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگەن. كىم جوڭ-نام نۆۋەتتە بېيجىڭدا تۇرۇۋاتىدۇ، كىم جوڭ-نامنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو دائىرلىرى يېنىدىكى مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە ماشىنىلارنى ئىككى ھەسسە كۆپەيتكەن.

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا