تۈركىيە باش مىنىستىر ھاسىنەدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئابدۇلقادىر موللىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا توسالغۇ بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئەردوغان باڭلادېشتا جامائىتى ئىسلامى رەھبەرلىرىدىن ئابدۇلقادىر موللانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى توغرۇلۇق باڭلادېش باش مىنىستىرى شەيخ ھاسىنە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە باڭلادېشنىڭ ئامانلىق ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە كېلەچەككە قاراپ مېڭىشىدىن ئىنتايىن خوشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان باش مىنىستىر، ئابدۇلقادىر موللىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندە باڭلادېشتا يېڭى كىرزىسلار ۋە مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تۈركىيەنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن باش مىنىستىر، ھاسىنەدىن ئابدۇلقادىر موللىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشكە توسالغۇ بولۇشنى تەلەپ قىلدى.