جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-دېكابىر خەۋىرى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ئافخام 12-ئاينىڭ 10-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى پېرىسنىڭ ئىران پرېزىدېنتى روھانى بىلەن كۆرۈشۈش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىسرائىلىيەنىڭ كۆرۈشۈش تەكلىپىنى بىر خىل تەشۋىقات ئىستراتېگىيىسى دەپ قارىغان.
ئافخامنىڭ ئېيتىشىچە، پېرىسنىڭ تەكلىپى پەقەتلا بىر خىل تەشۋىقات ئىستراتېگىيىسى بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يېڭى يادرو كېلىشىمىنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىنكى يېتىم ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئىكەن.
پېرىس 12-ئاينىڭ 8-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىران پرېزىدېنتى روھانى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپنىڭ كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سوئال سورالغاندا پرېىس سۆز قىلىپ «نېمە ئۈچۈن بولمىغۇدەك؟ مېنىڭ دۈشمىنىم يوق، بۇ خاراكتېر مەسىلىسى ئەمەس بەلكى سىياسەت مەسىلىسى» دېگەن. ئۇ يەنە، ئىران پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتىنىڭ دۈشمەنلىكنى دوستلۇققا ئايلاندۇرۇشتا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بىراق پېرىس يەنە قايتا تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ چوقۇم بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىراننىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يادرو خەتىرى بولۇپ قالماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە نىسبەتەن ئافخان سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە تۇتقان سىياسىي مەيدانىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە يەھۇدى دۆلىتىنىڭ ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يېقىندىن بۇيان ئىران بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت باسقۇچلۇق كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت مەزكۇر ئىلگىرىلەشكە نىسبەتەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ھەم ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداش دۆلىتى ئىسرائىلىيە مەزكۇر كېلىشىمگە نىسبەتەن ئىزچىل تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولغان ھەمدە تىغ ئۇچىنى ئامېرىكىغا قاراتقان.