
كاراچى ساقچىلىرى 12-ئاينىڭ 8-كۈى ئېلان قىلغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدىكى قولغا ئېلىش ھەرىكىتىدە، ساقچىلار جەمئىي 4849 قېتىم قولغا ئېلىش ھەرىكىتى قىلغان بولۇپ، جەمئىي 9944 قانۇنسىز قوراللىق خادىملارنى قولغا ئالغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى 89 قوراللىق خادىم قولغا ئېلىش جەريانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى قوشۇمچە زەھەر چەكلەش مىنىستىرى نىسار ئەلى خان بايانات ئېلان قىلىپ، قانۇنسىز قوراللىقلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ 2- باسقۇچىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، قانۇنسىز قوراللىقلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كاراچى رايونىنىڭ كۈنسىېرى ناچارلىشىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن، پاكىستان باش مىنىستىرى شېرىف 9-ئاينىڭ بېشىدا كاراچىدا ئىچكى كابىنېتنىڭ ئالاھىدە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كاراچىدا قولغا ئېلىش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتلىك ئىقتىساد مەركىزىنىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىۋاتقان بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ياخشىلىماقچى بولغان.
پاكىستان ئىنسانىي ھوقۇقى تەشكىلاتنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى 1-ئايدىن 8-ئايغىچە بولغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 2000 دىن ئېشىپ كەتكەن.