ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

مىسىر مۇبارەككە قارشى مۇھىم پائالىيەتچى زاتنى سوتلايدۇ

ۋاقتى : 2013-12-10  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم


    جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-دېكابىر خەۋىرى: چەتئەل ئاخبارات تورلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2011-يىلىدىكى مىسىر ئىنقىلابىدىكى پائالىيەتچى ئەلا ئابدۇل فەتتاھ تەستىقتىن ئۆتمىگەن نامايىشقا قاتناشقانلىقتىن سوتلىنىدىكەن. دادىسى ئەھمەد سەيىف مېدىيەلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوغلى ۋە باشقا 24 دېموكراتىك پائالىيەتچىلەرگە ۋاكالىتەن سوتقا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار «تەستىقتىن ئۆتمىگەن نامايىشقا تەشكىللىدى ھەمدە ساقچىلار بىلەن قارشىلاشتى» دەپ ئەيىبلەنگەن.
    سەيفنىڭ بىلدۈرىشىچە، تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭغا فەتتاھ ۋە باشقا 24 ئادەمنىڭ جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە، سوت مەھكىمىسى تەپسىلىي سوت قىلىش ۋاقتىنى تېخى ئۇقتۇرمىغان، بىراق بۇ مىسىرنىڭ باشقا مۇھىم 3 دەھرىي پائالىيەتچىنى سوتلىغاندىن كېيىنكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككىنچى دېلو ئىكەن.
    ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەممىسى 2011-يىلى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مۇبارەككە نىسبەتەن باشقىچە قاراشتا بولغانلار ھەم يەنە بۇ يىل ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان مىسىرنىڭ سابىق پرېزىدېنتى مورسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىكەن. فەتتاھ ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، 11-ئاينىڭ 28-كۈنى قولغا ئېلىنغان. باشقا 24 پائالىيەتچى ئالدىنقى ھەپتە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن.
    خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر نامايىشىنىڭ ئالدىنقى ئىككى كۈندە، مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى مەنسۇر يېڭى قانۇننى ماقۇللاپ، پەقەت ساقچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە ئاندىن نامايىش قىلسا بولىدىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەندىشىگە سالدى. سەيف فەتتاھنى قامىلىدۇ دەپ ئويلايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇ ھازىرقى ھاكىمىيەتكە لازىملىق نەرسە ئىكەنلىكىنى بارلىق ئىنقىلاب پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    خەۋەر قىلىنىشىچە، مورسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، مىسىر ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مورسىنىڭ مىڭدىن ئارتۇق قوللىغۇچىسىنى قولغا ئالدى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا