ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

«ئۈن-تىنسىز مۇھەببەت» ناملىق فىلىم ئۈرۈمچىدە سۆرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى

ۋاقتى : 2013-12-09  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

 01.jpg

شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر ئانا ھەنىپە ئالىماخۇن نەچچە ئون يىللىق ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدە 6 مىللەتتىن بولغان 19 بالىنى تاربىيەپ قاتارغا قوشتى. ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى جۇڭگونى تەسىرلەندۈردى، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «2009-يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 چوڭ شەخس»، «شىنجاڭدىكى ئون مەشھۇر ئانا»، «مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى» قاتارلىق نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشتى. 2013-يىلى تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ھەنىپە ئانىنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئەسلى تىپ قىلىپ، نوقتىلىق كىنو فىلىمى «ئۈن-تىنسىز مۇھەببەت»نى ئىشلىدى. بۇ فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىشى يېقىندا ئاياقلىشىپ كىرىشتۈرۈپ ئىشلەش باسقۇچىغا كىرىدىكەن. مۆلچەرچە كېلەر يىل 5-ئايدا مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.

 

  تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ باشلىقى گاۋ خۇاڭگاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، «ئۈن-تىنسىز مۇھەببەت» ناملىق فىلىم 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، كۆرۈنۈش كۆپ، ھەنىپە ئانا ئوخشىمىغان مىللەتتىن 19 بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان، يەنە تېخى بۇ ئۆسمۈرلۈك ۋە قورامىغا يەتكەن ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەنىپە ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ رولىنى ئالىدىغان ئارتىسنىڭ سانىلا 38 نەپەرگە يېتىدۇ، ھەم ھەربىر ئۆسمۈرنىڭ ھالىدىن شۇ ئۆسمۈرنىڭ ئۆز ئانىسى خەۋەر ئالىدۇ، ئارتىسلار سېپى مىسلىسىز. بۇ فىلىمنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ باش ئىجادىيەت ئەترىتى ھەنىپە ئائىلىسىگە كىرىپ ۋەقەلىك توپلىدى. فىلىمنى سۆرەتكە ئېلىش 3-ئۆكتەبىر رەسمىي باشلانغان، ھازىر چىڭگىل ناھىيەسىدە سىرتقى مەنزىرىدىكى سۆرەتكە ئېلىش ئاياقلىشىپ، ئەمدى ئۈرۈمچى رايونىدىكى فىلىمنىڭ ھەقىقىي زامان-ماكاننى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىسىمىنى تاماملىماقتا، يەنە 5 كۈندە بارلىق سۆرەتكە ئېلىش ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھازىرغىچە تاللانغان نۇسخا پلاستىنكىدىن قارىغاندا، مۆلچەردىكى ئۈنۈمگە يەتكەن. بۇ فىلىم كىرىشتۈرۈپ ئىشلەش باسقۇچىغا كىرىش ئالدىدا بولۇپ، 2014-يىلى 5-ئايدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

 

  فىلىم «ئۈن-تىنسىز مۇھەببەت»نىڭ سىنارىستى يىن جيەن، خۇاڭگاڭ؛ رىژىسسور شىرزات ياقۇپ، جاڭ شىن؛ سۆرەتكە ئېلىش يېتەكچىسى گېرىتۇ، بەختى ياقۇپ؛ گۈزەل سەنئەت يېتەكچىسى جاڭ شياۋچۇن. ئاساسلىق روللاردا: قۇندۇزئاي تاش ھەنىپەنىڭ رولىنى ئالىدۇ، بەختىيار ئەزىز ئابىباۋنىڭ رولىنى ئالىدۇ. (يۇقىرىدىكى سىنارىيە سۆرەتلىرىنى تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيەسى تەمىنلىگەن).

 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا