ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  شىنجاڭ

ئابدۇرېشىتخاننىڭ رەقىبى بىر مىنۇتقا پايلىمىدى

ۋاقتى : 2013-06-13  مەنبەسى : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

ئابدۇرېشىتخاننىڭ رەقىبى بىر مىنۇتقا پايلىمىدى

01.jpg

ئانا تۇپراق تورى خەۋىرى : خېنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەلىقئاراغا يۈزلەنگەن مەخسۇس پىروگىراممىسى<< ۋۇلىنفېڭ>> بۇ نۆۋەت شەھرىمىزدە سۈرەتكە ئېلىندى.
11-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شەھرىمىزدىكى قىزىلتاغ تەنتەربىيە مەيدانى قىززىپ كەتكەنىدى.14يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىلىرىدە ئىزچىل چېمپىيون بولۇپ كېلىۋاتقان خەلقىمىز ئارىسىدىن چىققان ئەركىن مۇشتلىشىش ماھىرى ئابدۇرېشىتخان ئابلەتنىڭ مەيدانغا چۈشۈشى بىلەن تەڭ تاماششىبىنلارنىڭ كەيپىياتى بۆلەكچىلا جانلىنىپ كەتتى.كىشلەر يانفۇنلىرىنى چىقىرىپ سىنغا ئېلىشقا تەمشىلىۋاتقاندا،ئابدۇرېشىتخاننىڭ رەقىبى،قازاقىستان ماھىرى قولىنى كۆتۈرۈپ مۇسابىقىدىن ۋاز كەچتى.تاماششىبىنلار ھاڭ-تاڭ بولۇشتى. چۈنكى ئابرۇرېشىتخاننىڭ رەقىبى دەسلەپتە تەگكەن ئىككى مۇشىت بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىنى پەرەز قىلىپ بولغاچقا،مۇسابىقىدىن ۋاز كەچكەنىدى.ئىگىلىنىشچە ،قازاقىستانلىق بۇ ماھىر ئابدۇرېشىتخان بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، دەپ ئارقا -ئارقىدىن ۋاز كەچكەن ئىككى ماھىردىن كېيىن تاللىۋېلىنغان ماھىر ئىكەن.

ئۈرۈمچىدە ‹‹ۋۇلىنفېڭ›› جۇڭگو-تايلاند تىركىشىش مۇسابىقىسى قىزىپ كەتتى

 

 
ئابدۇقېييۇم ئابدىلىم غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە   

    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى : 11-ئىيۇن كەچ سائەت 19:00 دا، ‹‹ ۋۇلىنفېڭ ›› جۇڭگو-تايلاند تىركىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا باشلاندى . تايلاندتىن كەلگەن بەش نەپەر ماھىر شىنجاڭدىكى ئۈچ نەپەر ماھىر بىلەن سەككىز مەيدان مۇسابىقە ئېلىپ باردى ، بۇنىڭ ئىچىدە 75 كىلوگىراملىقلار تۈرىدىكى شىنجاڭلىق ماھىر ئېسىمخان ، 80 كىلوگىراملىقلار تۈرىدىكى نۇرۇللا مۇلال جۇڭگو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چۈشتى .

    بۇ قېتىملىق ‹‹ۋۇلىنفېڭ›› جۇڭگو-تايلاند تىركىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا جىدا پىلانلاش چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان ، شىنجاڭ خېنەنلىك كارخانىچىلار بىرلەشمىسى ھەمكارلاشقان . ‹‹ۋۇلىنفېڭ ›› پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى گو جېندوڭ ، ‹‹جۇڭخۇا قەھرىمانى›› ۋاڭ خۇڭشياڭ كۆپچىلىككە نەق مەيداندا چۈشەنچە بەردى ، ‹‹ۋۇلىنفېڭ ›› نىڭ رېپىرى، ۋۇلىن خانقىزى قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق كىشى مۇسابىقە ئىشلىرىغا قاتناشتى .

    ئىگىلىنىشىچە ، ‹‹ۋۇلىنفېڭ ›› خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى بىر تۈرى بولۇپ ، يېقىندا قومۇلدا بىر مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن ، 9-ئايدا يەنە ئۈرۈمچىدە تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدىكەن .

 
‹‹ۋۇلىنفېڭ›› پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى گو جېندوڭ
 
 
ماھىرلار مۇسابىقىدە
 
 
ماھىرلار مۇسابىقىدە
 
 
ماھىرلار مۇسابىقىدە
 
 
ماھىرلار مۇسابىقىدە
 
 
ماھىرلار مۇسابىقىدە
 
 
ماھىرلار مۇسابىقىدە
 
 
ماھىرلار مۇسابىقىدە
 
 
ۋۇلىن خانقىزى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا