ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

چاڭ سۇڭ تىك ۋە 6 تۇغقىنى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېتىپ تاشلانغان

ۋاقتى : 2013-12-10  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 10-دېكابر خەۋىرى: روسىيە ئاۋازى سېئولدا تەسىس قىلىنغان «شىمالىي كورىيە ئەركىن رادىئو ئىستانسىسى» نىڭ 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە سىياسىئونى، بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان كىم جوڭئۇننىڭ تاغىسى چاڭ سۇڭ تىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى جاكارلىنىشتىن بۇرۇنلا ئېتىپ تاشلانغان.
شىمالىي كورىيە دائىرلىرى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى چاڭ سۇڭ تىكنىڭ شىمالىي كورىيە ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن كومىسسارى قاتارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى. شىمالىي كورىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىم جوڭئۇن قاتناشقان شىمالىي كورىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى يىغىندا، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ ھەربىي فورما كىيگەن ئىككى ئادەم تەرىپىدىن يىغىن مەيدانىدىن ئېلىپ كېتىلگەن كۆرۈنۈشنى تارقاتتى.
گەرچە شۇنداق بولسىمۇ. شىمالىي كورىيە ئەركىن رادىئو ئىستانسىسى پيوڭياڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار تەمىنلىگەن ئۇچۇرنى نەقىل قىلىشىچە، چاڭ سۇڭ تىك ۋە 6 نەپەر تۇغقىنى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېتىپ تاشلانغان، تېلېۋىزىيە تارقىتىلغان كۆرۈنۈش 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېچىلغان يىغىندىن بۇرۇن سىنغا ئېلىنغان. جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جەنۇبىي كورىيە ئاخبارات ئىدارىسى ئەمەلدارلارنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىغا ئالاقىدار ئۇچۇرغا ئېرىشمىگەن.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا