
سۇمرۇغ تېلېۋىزىيىسىنىڭ 10-دېكابر خەۋىرى: پاكىستان سۈننىي مەزھىپىنىڭ رەھبىرى مەۋلانە شامىس مۇئاۋىيەھ 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەنلىكتىن، پاكىستاننىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئۇدا نامايىش قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نامايىشچىلار قاتىلنى دەرھال تۇتۇشنى تەلەپ قىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، قاتىلنىڭ مۇددىئاسى خېلى رەززىل بولۇپ، مەزھەپ توقۇنۇشى قوزغاش ۋە دۆلەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش غەرىزىدە بولۇشى مۇمكىن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، قەستلەپ ئۆلتۈرۈش يۈز بەرگەندىن كېيىن، سۈننىي مەزھىپىنىڭ رەھبىرى مۇئاۋىيەھنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇدا ئېتىراز بىلدۈرگەن، نامايىشچىلار ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرنىڭ مۇھىم يوللىرىنى بىر مەھەل قامال قىلىۋالغان بولۇپ، ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئېغىر كاشىلىغا ئۇچرىغان، پايتەخت ئىسلامئاباد قاتارلىق كۆپلىگەن شەھەرلەردە نۇرغۇن دۇكانلار كەڭ كۆلەملىك نامايىش سەۋەبلىك تاقاشقا مەجبۇر بولغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەل قىلىش لايىھىسى تاپالمىغانلىقتىن، پاكىستاننىڭ مەزھەپ مۇناسىۋىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يامانلىشىشى مۇمكىن.