ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  جەمىئەت

ئۇيغۇر ئۈچۈن دۇنياۋى زور شەرەپ - شۆھرەت مۇتەللىپتىن خوش خەۋەر

ۋاقتى : 2013-12-10  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

603529_615084391844590_719817561_n.jpg

 <<دەۋىر>> ژورنىلى يېقىندا 2013-يىللىق <<10 چوڭ بۆسۈش>>نى ئېلان قىلغان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئورىگون ئىشتاتى دۆلەتلىك پىرىماتلار (مايمۇن تۈرىدىكىلەر) تەتىقات مەركىزى غول ھۆجەيىرە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋە تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى 2013-يىللىق <<مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈش>> بولۇپ باھالانغان. شۇنداقلا دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ ئەپەندى تۇنجى بولۇپ ئىنسان تېرە ھۆجەيىرىسىنى <<تەن ھۆجەيىرە يادروسىنى كۆچۈرۈش تېخنىكىسى>> ئارقىلىق تۆرەلمە غول ھۆجەيىرىگە ئايلاندۇرغانلىقى ئۇنى بۇ شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن.

QQ图片20131210142719.jpg

غول ھۆجەيىرە تەتقىقاتىدىن كۆرۈنۈش
بۇ بايقاش ئىنسانلاردىكى پاركىنسون كېسەللىكى (Parkinson’s disease) ،كۆپ قوزغىلىدىغان قېتىشىش كېسەللىكى، يۈرەك كېسىلى ۋە يۇلۇن زەخمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.


«دەۋىر» ژورنىلى 2013-يىلى «مىدىتسىنادىكى 10 چوڭ بۆسۈش» نىڭ ئىچىدىكى 4-سى:

17-يىل ۋە بىر كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ئىلىم-پەندىكى زور ئالدامچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئالىملار ئاخىرى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى «دولىي» ئىسىملىك كلون قوينى يىتىشتۈرگەندە مۇۋاپىققىيەت قازانغان تۆرەلمە غول ھۆجەيرىسىنى مانا ئەمدى ئىنسانلاردا رىئاللىققا ئايلاندۇردى. ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ پىرافىسورى دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپ 1996-يىلى كىلون قوي دولىنى يىتىشتۈرۈشتە ئىشلىتىلگەن «يادرو كۆچۈرۈش» دەپ ئاتىلدىغان تېخنىكىنى ئىنسان تىرە ھۆجەيرىسىدە سىناقتىن ئۆتكۈزۈپ مۇۋاپىققىيەت قازاندى. ئىلگىرى كورىيە ئالىملىرى تەرىپىدىن مۇۋاپىققىيەت قازاندۇق دەپ ئېلان قىلىنغان بۇ تېخنىكا ئەمەليەتتە «يادرو كۆچۈرۈش» ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەمەس بەلكى «تەن سىرتىدا ھامىلە يىتىشتۈرۈش» ئۇسۇلىنى قوللانغان يالغانچىلىق بولۇپ چىققان ئىدى.

لىكىن، دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ مەقسىتى ئىنسانلارنى كلونلاش ئەمەس. ئۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تىرە ھۆجەيرىسىنىڭ يادروسىنى تۇخۇم ھۆجەيرىسىگە كۆچۈرۈپ ئاندىن ئېلىكتىرلىق ۋە خېمىيىلىك غىدىقلاش ئارقىلىق بۇ تۇخۇمنى بۆلۈندۈرۈپ بىمارغا خاس تۆرەلمە غول ھۆجەيرىلەرنى ئايرىپ ئالغان. ھۆجەيرە ئادەم بەدىنىنى تۈزگۈچى بىرلىك بولۇپ، غول ھۆجەيرىلەرنى ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ھۆجەيرىلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكا ئارقىلىق كەلگۈسىدە قېرىلاردىكى دېۋەڭلىك كېسىلىدىن تارتىپ يۈرەك كېسەللىكلىرى، دىئابىت كېسەللىكلىرىگىچە كەڭ دائىرىدىكى ھازىر داۋاسى يوق نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاش مەقسىىتىگە يەتكىلى بولۇشى مۇمكىن.

2007-يىلى شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە تەتقىقات گورۇپپىسى مايمۇن غول ھۆجەيىرىسىنى كىلونلاپ چىققان بولۇپ تەتقىقات ماقالىسى نوپۇزلۇق ژورنال <<تەبىئەت>> ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2007- يىلى <<دەۋىر>> ژورنىلى تەرىپىدىن 2007-يىلىدىكى 10 چوڭ ئىلمى بايقاشنىڭ ئالدىنقا قاتارىغا تىزىلغان ۋە جۇڭگونىڭ 2007-يىللىق 10 چوڭ ئىلمىي بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. بۇ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىككىنجى قېتىم دۇنياۋى زور شان-شۆھرەت قازىنىپ ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ساھەسىگە زور تۆھپە قوشۇشى ھېسابلىنىدۇ.
 

ئامېرىكا ئالىي مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپ مۇدىرى دوكتۇر تاشپولات روزى مۇنداق دەيدۇ:
مۇبارەك بولسۇن! 10 يىلنىڭ ئالدىدا كورىيەلىك "ئىنسان تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كلۇنلىدىم" دەپ تەبىئەت ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلغان ۋاقتىدا، پۇتتىن كورىيە خەلقى بىز دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇق دەپ جار سالغان ئىدى. بىراق ئۇ كورىيەلىكنىڭ ماقالىسى يالغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن توقۇپ چىقىرىلغان ماقالە ئىكەنلىكى پاش بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ماقالىسى تەبىئەت ژۇرنىلىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ كورىيە تەرەپ ئۇنى قولغا ئالغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق دۇنيادا تەس دەپ قارالغان تەتقىقاتنى بىزنىڭ ئۇيغۇرىمىزدىن چىققان پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيادا بىرىنچى بولۇپ ئۇ يېڭىلىقنى جاكارلىدى. بىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا ئالىملىرى ئالىمىمىزغا ھەيران قىلىپ ئۇنىڭغا تەبرىكلەرنى ياغدۇرۇۋەتتى. باشقىلار ئۇنۇڭدىن سەن قايسى ئىلغار مىللەتتىن دەپ سورىۋىدى ئۇ: «مەن ئەقىللىق ئۇيغۇر مىللىتىدىن» دەپ ئۆزىنى دۇنياغا جاكارلىدى. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەقىللىق دەپ يۈرگەن يەھۇدىلارمۇ بۇ ساھەدە بىزنىڭ كەينىمىزدە!  شۇڭا بىزلەر ئۇنۇڭدىن ئۆگىنەمدۇق بۇنىڭدىن ئۆگىنەمدۇق دەپ گاڭگىراپ يۈرمەي پەخىرلىك ئالىمىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى قىلىشىمىز، ئۇنۇڭ قىيىنچىلىقنى بېسىپ چۈشىدىغان قەيسەر روھىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم! ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىدۇر! 

QQ图片20131210131420.jpg

http://www.ohsu.edu/blogs/researchnews/2013/12/05/dr-mitalipovs-stem-cell-discovery-named-a-top-10-medical-breakthrough-of-2013/

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا