
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ماي خەۋىرى: ئامېرىكا رادىئو شىركىتى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاڭلاتقان زىيارەتتە، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان سۆز قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيىدە ئۇچۇش چەكلەش رايونى تەسىس قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسىمۇ ئۇچۇش چەكلەش رايونى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، بەشار ئاساد ھۆكۈمىتى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بېرىشىنى توسماقچى بولغان.
بىراق، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى بىلدۈرۈشىچە، ئۇچۇش چەكلەش رايونى تەسىس قىلىش ئامېرىكىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى، ھەتتا سۇرىيىگە قىسىم ئەۋەتىش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن، ئېھتىمال بۇ ئامېرىكا ئارمىيىسىدە ئۆلۈم-يېتىم پەيدا قىلىشى مۇمكىن. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئەمەس.