ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  جەمىئەت

«بازا» تەشكىلاتىنىڭ 2 – نومۇرلۇق كاتتىۋېشى ئۆلۈپ كەتتى

ۋاقتى : 2013-07-18  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

05.jpg

«بازا» تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارىلى شۆبىسىدىكى 2 – نومۇرلۇق كاتتىۋاش، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق سايىت شېھرى

يەر شارى تورى خەۋىرى: فرانسىيە «دۇنيا گېزىتى» نىڭ 17 – ئىيۇل خەۋەر قىلىشىچە، «بازا» تەشكىلاتى ئەرەب يېرىم ئارىلى شۆبىسى شۇ جاي ۋاقتى 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى توردا بىر سىن لېنتىسى تارقىتىپ، 2 – نومۇرلۇق كاتتىۋاش، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق سايىت شېھرىنى بۇلتۇر يىل يىل ئاخىرىدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنىڭ بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىگەن.
بۇ يىل 1 – ئاينىڭ 25 – كۈنى، يەمەن ھۆكۈمىتى سايىتنىڭ بۇلتۇر 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان، ئەينى چاغدا «بازا» تەشكىلاتى بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىمىگەن.
ئىگىلىنىشىچە، سايىت بۇرۇن گۈەنتانام تۈرمىسىگە ئالتە يىل قامالغان بولۇپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى كېيىن بۇ كىشىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بىراق سايىت قېچىپ كېتىپ، يەمەندىكى «بازا» كۈچلىرىغا قوشۇلۇۋالغان.
«دۇنيا گېزىتى» دە مۇنداق خەۋەر قىلىندى، سايىت بۇرۇن يەمەن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سۈرۈشتە قىلىنغان، ھەمدە ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، يەمەن تەرەپ بۇرۇن كۆپ قېتىم ئۇنىڭ ئۆلگەنلىك ئۇچۇرىنى جاكارلىغان.
 

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا