ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  جەمىئەت

مارالبېشىدىكى تېررورلۇق دېلوسى پاش قىلىنىپ، ئالتە كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

ۋاقتى : 2013-04-30  مەنبەسى : نۇر تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

04.jpg

29 – ئاپرېل، شىنجاڭدا «23 – ئاپرېل» زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، قەھرىمانلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە شۇ يەردىكى نەچچە مىڭ كادىرلار ئاممىسى قەھرىمانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى

مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ج خ تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 28 – ئاپرېل، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى «23 – ئاپرېل» زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەت سادىر قىلىش دېلوسى پاش قىلىنغان. قاسىم مەمەت، ھېبىبۇللا بارات قاتارلىق 25 نەپەر زوراۋانلىق گۇرۇھ ئەزاسىنىڭ ھەممىسى قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتە توپىلاڭچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، نەق مەيداندا سەككىز كىشى قولغا چۈشكەن. باشقا 11 گۇماندارمۇ قانۇن تورىغا چۈشكەن. پارتلىتىش قۇرۇلمىسىدىن 20 سى، «غازات جېڭى» بايرىقىدىن ئۈچى بايقالغان، يەنە پارتلىتىش دورىسى ياسايدىغان خېلى كۆپ ماتېرىياللار، پىچاق قاتارلىق تىغلىق قوراللار ۋە قانۇنسىز دىنىي تەشۋىقات بۇيۇملىرى قاتارلىق دېلو سادىر قىلىش قوراللىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.
23 – ئاپرېل، مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرىدا ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 نەپەر مەھەللە كادىرى، ساقچىلار قۇربان بولدى.
سىندىكى كۆرۈنۈشلەرنى دوراپ ئادەم ئۆلتۈرۈشنى مەشق قىلىش
2007 – يىل 7 – ئايدا، بۇ گۇرۇھىڭ غوللۇق ئەزاسى مۇسا ھەسەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيىتىگە چېتىلىپ قېلىپ، ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، سوراققا تارتىلغان. 2010 – يىل 9 – ئايدا، مۇسا ھەسەن بىلەن قاسىم مەمەت تونۇشۇپ قالغان. شۇندىن كېيىن، قاسىم مەمەت بۇ گۇرۇھنىڭ باشقا ئەزالىرى بىلەنمۇ تونۇشقان. 2012 – يىل 9 – ئايدىن بۇيان، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كىشىلەر دائىم دىنىي مۇتەئەسسىپ ئىدىيە ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇنى بار سىن لېنتىلىرىنى كۆرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرگەن.
2012 – يىل 12 – ئاينىڭ باشلىرىدا، بۇ گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازىرىدا تارقاقلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. گۇرۇھ ئەزالىرى دائىم مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشىپ، تەن مەشىقى قىلغان، ھەمدە تېررورلۇق تەسۋىرلەنگەن سىندىكى كۆرىنىشلەر بويىچە ئادەم ئۆلتۈرۈش ماھارىتىنى مەشىق قىلغان.
2013 – يىل 3 – ئاينىڭ باشلىرىدا، قاسىم مەمەت گۇرۇھ ئەزالىرىنى يىغىپ، تېررورلۇق پائالىيەت ھەققى جۇغلاپ، پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، يۈزگە تاقايدىغان نىقاب، تىزگىنەك قاتارلىق دېلو سادىر قوراللىرىنى ياساپ، تېررورلۇق پائالىيىتى ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان. 3 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مەزكۇر گۇرۇھ سەككىز دانە چوڭ پىچاق ياساپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ جەمئىي بەش قېتىم سىناق تەرىقىسىدە پارتلىتىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان، ھەمدە بۇ يىل يازدا، قەشقەر شەھىرىدە ئادەم زىچ ئاممىۋى سورۇنلاردا «چوڭ ئىش» قىلماقچى بولغان.
ساقچىلارغا بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈۋېتىش
23 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا، قاسىم مەمەت مەمتىمىن مەخمۇت، ئەنۋەر ئابدۇرېھىملارنى مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيىدە پارتلىتىش دورىسى ياساشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى باشقا ئەزالارنى باشلاپ شۇ ئەتراپتا ھەرىكەت قىلغان. سائەت 13 لەردە، مەمتىمىن بارات، ھېبىبۇللا بارات ئۆيىگە قايتقاندا شۇ جايدىكى مەھەللە كادىرلىرى ۋە ساقچىلارغا ئۇچراپ قالغان. ھېبىبۇللا بارات «ئاچقۇچنى ئەكىلىش» نى باھانە قىلىپ، قاسىم مەمەت قاتارلىق كىشىلەرگە ئۇچۇر بېرىۋەتكەن. قاسىم مەمەت قاتارلىق بەش كىشى موتوسىكلىتلىق يېتىپ كەلگەن، مۇسا ھەسەننىڭ ئىجارىگە ئالغان ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويغان چوڭ پىچاق قاتارلىق تىغلىق ئەسۋابلارنى گۇرۇھ ئەزالىرىغا تەقسىملەپ بەرگەن. ئۇلار مەمتىمىن باراتنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇرغان. پارتلىتىش دورىلىرىنىڭ بايقىلىپ قالغانلىقى، پارتلىتىش دورىسى ياسىغانلارنىڭ كونترۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، جىنايىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، قاسىم مەمەت گۇرۇھ ئەزالىرىنى باشلاپ، ھويلىغا باستۇرۇپ كىرگەن. گۇرۇھ ئەزالىرى شۇ ھويلىغا كىرگەن مەھەللە كادىرلىرى ۋە ساقچىلارنى چاناشقا باشلىغان.
ئېلىشىش داۋامىدا، بازارلىق ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئوق چىقىرىپ بىر توپىلاڭچىنى ئۆلتۈرگەن، بىر ئادەمنى يارىلاندۇرغان، ئۈچ نەپەر ئايال مەھەللە كادىرىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان. قالغان توققۇز كىشى ئۆي ئىچىگە كىرىشكە مەجبۇر قىلىنغان، ئاندىن توپىلاڭچىلار ئۆيگە بېنزىن چېچىپ ئوت قويۇۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قامىلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى قازاغا ئۇچرىغان. كېيىن يېتىپ كەلگەن يېزا، بازار كادىرلىرى ۋە ساقچىلار توپىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلغان، ساقچىلار بىر توپىلاڭچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، بىر كادىر قازا قىلغان، ئىككى نەپەر ساقچى ئېغىر يارىلانغاندىن كېيىن، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.
ساقچىخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ ئوت قويۇش
كېيىن، تۆت نەپەر توپىلاڭچى بۇ ھويلىدىن ئېتىلىپ چىقىپ، ئىشىك ئالدىدىكى يوللاردىكى نەرسىلەرنى، ماشىنىلارنى ئۇرۇپ چاققان، بازارلىق ھۆكۈمەتكە باستۇرۇپ كىرگەندە بىرسى ئېتىۋېتىلگەن، قالغان ئۈچ كىشى بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت بىلەن ساقچىخانىغا بۆسۈپ كىرگەن، ساقچىخانىنىڭ ئارخىپ ئىشخانىسى ۋە ساقچىلارنىڭ ياتاقلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى: تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدۇ
تۈنۈگۈن، دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ج خ مىنىسترلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مېڭ خۇڭۋېي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى، شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە 23 – ئاپرېل يۈز بەرگەن ۋەقە بولسا بىر پارچە ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق قىلىش دېلوسى. تېررورچى ئۇنسۇرلار ئېلىمىزنىڭ كۈندىلىك خىزمەت بىلەن مەشغۇل بولىدىغان قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرى ۋە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، زور دەرىجىدە ئۆلۈم يىتىم ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مېڭخۇڭۋېي ئەھۋالنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، ھازىر، شىنجاڭدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشى بولماقتا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق تېنچ، مۇقىم، تەرتىپلىك، ھەر مىللەت ھاممىسى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ. بىراق شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، خەلقئارادا تېررورلۇق پائالىيەتلەرنىڭ سىجىل ھالدا كۆپلەپ يۈز بېرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» بۆلگۈنچى، تېررورلۇق كۈچلەر ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلماقتا، شىنجاڭدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش يەنىلا ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇرەككەپ كۈرەش بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ناھايىتى كەسكىن بولىدۇ.
مېڭ خۇڭۋېڭ مۇنداق دېدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش ئېلىمىزنىڭ فاڭجېنى، بىر مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ھەرگىزمۇ تېررورلۇق پائالىيەتلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ. ئاشۇ زادىلا جىنايىتىگە توۋا قىلمايدىغان، قانۇن تۈزۈمگە داۋاملىق خىرىس قىلىدىغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇننى سىناپ باقماقچى بولغان، زوراۋانلىق، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا قارىتا، ساقچى تەرەپ بارلىق زۆرۈر ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، قەتئىي زەربە بېرىدۇ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدۇ، ھەرگىزمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ.
نەچچە مىڭ ئامما قەھرىمانلارغا تەزىيە بىلدۈردى
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئورگان كادىرلىرى، قەھرىمانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە شۇ جايدىكى نەچچە مىڭ ئامما مارالبېشى ناھىيەسىدىكى تېررورلۇق دېلوسىدا قۇربان بولغان قەھرىمانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تايىر ئەخەت قاتارلىق يەتتە كىشىگە «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» ۋە ««ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان» دېگەن شەرەپلىك نامنى بېرىشنى قارار قىلدى. جاڭ لىشەن قاتارلىق سەككىز كىشىگىمۇ «ئاپتونوم رايون بويىچە تېررورلۇققا قارشى قەھرىمان» دەپ نام بەردى.
«23 – ئاپرېل» زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن سېرىقبۇيا بازىرىدىكى چوڭ بازاردا تىجارەت ئەسلىگە كەلدى. ئالتە نەپەر كادىرىدىن ئايرىلىپ قالغان يېڭى بازار مەھەللە كومىتېتىمۇ يېڭىۋاشتىن خىزمەتكە كىرىشتى. مۇخبىر زىيارەت قىلىش داۋامىدا ، مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇلازىمەت زالىدىكى نازارەتچىلىك ستونىدا، قۇربان بولغان مەھەللە كادىرلىرىنىڭ سۈرىتىنىڭ ھېلىھەم چاپلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى. يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شيې ۋۇجۇڭ مۇنداق دېدى، مەھەللىدە بىر شەرەپ ئىشخانىسى قۇرۇپ، قۇربان بولغان خىزمەتداشلارنى خاتىرىلەيمىز.
«بىز ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئامما ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز، بىز زوراۋانلىق، تېررورلۇق كۈرىشىدىن قورقمايمىز» دېدى شيې ۋۇجۇڭ، بازارلىق ھۆكۈمەت باشقا تارماقلاردىن ئالتە كادىر ئاجرىتىپ، مەھەللە كادىرلار قوشۇنىنى تولۇقلىۋالدى.
مارالبېشى ناھىيەسىدە قۇربان بولغان 15 نەپەر قەھرىماننىڭ تىزىملىكى
تۈنۈگۈن، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 15 نەپەر قۇربان بولغان ج خ ساقچىسى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەر 12 نەپەر، ئايال ئۈچ نەپەر؛ ئۇيغۇر ئون نەپەر، خەنزۇ ئۈچ نەپەر، موڭغۇل ئىككى نەپەر. ئالتە نەپەر ساقچى شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى.
كېلىش مەنبەسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى
1. تايىر ئەخەت، ئەر، 35 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە ئامانلىق ساقلاش مۇدىرى
2. رېن چاڭجۈ، ئەر، 34 ياش، خەنزۇ، ساقچىخانا باشلىقى
3. ليۇشۈلياڭ، ئەر، 30 ياش، خەنزۇ، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى
4.  مەمتىمىن ئۇبۇل، ئەر، 45 ياش، ئۇيغۇر، ساقچىخانا يېتەكچىسى
5. سۈنچاۋ، ئەر، 34 ياش، موڭغۇل، بازارلىق پارتكوم تەشۋىقات ھەيئىتى
6.  قۇربانجان تۇرسۇن، ئەر، 31 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى
7. ليۇمۇ، ئەر، 25 ياش، موڭغۇل، ساقچىخانا ساقچىسى
8. نۇرمەمەت ئەمەت، ئەر، 28 ياش، ئۇيغۇر، كەنت ساقچىسى
9. جاڭ لىشەن، ئەر، 27 ياش، خەنزۇ، كەنت ساقچىسى
10. گۈلبانۇم تۇرسۇن، ئايال، 29 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە خىزمەتچى خادىمى
11. نۇرمەمەت تۇرسۇن، ئەر، 35 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە ياردەمچى ساقچى
12. مېھرىگۈل يۈسۈپ، ئايال، 24 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە خىزمەتچى خادىمى
13. ئەكبەر ئەنىۋەر، ئەر، 25 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە ياردەمچى ساقچى
14. مەمتىمىن ئابلىمىت، ئەر، 48 ياش، ئۇيغۇر، ساقچىخانا ساقچىسى
15. ھۆرىگۈل مەمەت، ئايال، 43 ياش، ئۇيغۇر، مەھەللە خىزمەتچى خادىمى

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا