ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  جەمىئەت

گۇانتانامو تۇرمىسىدا رامىزان ئېيى ئۆز تەسىرىنى نامايەن قىلدى

ۋاقتى : 2013-07-16  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق  

106 مەھكۇم ئاچلىق ئېلان قىلغان تۇرمىدا رامىزان ئېيى كېلىشى بىلەن ئاچلىق ئېلان قىلغانلارنىڭ سانى 81گە تۆۋەنلىدى

گۇانتانامو تۇرمىسىدا رامىزان ئېيى ئۆز تەسىرىنى نامايەن قىلدى

ھەربىي مەسئۇللارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاچلىق ئېلان قىلغانلارنىڭ سانىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.

106 مەھكۇم ئاچلىق ئېلان قىلغان تۇرمىدا رامىزان ئېيى كېلىشى بىلەن ئاچلىق ئېلان قىلغانلارنىڭ سانى 81گە تۆۋەنلىدى.

گۇانتانامودا ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى 22 ھەپتىدىن بۇيان داۋاملاشماقتا.

166 مەھكۇم بولغان تۇرمىدا دەسلەپكى نارازىلىقلار فېۋرال ئېيىدا باشلانغان ئىدى.

شەخسىي بۇيۇملارنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىغا قارشى چىققۇچىلار كامېرلىرىدا قۇرئانى كەرىمگە قىلىنغان ناچار مۇئامىلە سەۋەبلىك ئاچلىق ئېلان قىلدى.

سەۋەبسىز كامېر جازالىرى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتاتتى.

تۇرما مەسئۇللىرى ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغۇچىلار ئىچىدە 45 مەھبۇسنىڭ ھەددىن زىيادە ئورۇقلاپ كېتىشىگە قارىتا تەدبىر ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ماي ئېيىدا بەزى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇنىي توسالغۇلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇدائىرىدە ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئەلچى تەيىنلىدى.

ئالاھىدە ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن كىلىفىرىد سىلون گۇانتانامو تۈرمىسىنى تۇنجى قېتىم بۇ يىل 2-ئىيۇلدا ئېكىسكۇرسىيە قىلدى.

ئاق ساراي گۇانتانامو تۈرمىسىنى تاقىۋېتىش ئۈچۈن خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەر باشلىق بەزى سىياسەتچىلەر مەجلىستە بۇنىڭغا قارشى چىقىپ كەلمەكتە.

ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا