دۇنيادىكى ئادەم ئەڭ قىستاڭ تۈرمە – ھايتى تۈرمىسى
يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: ئامېرىكا «دەۋر» ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ 5 – ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارالىق تۈرمە تەتقىقات مەركىزى يېقىندا پۈتكۈل يەر شارى بويىچە تۈرمە ئەڭ قىستاڭ 10 دۆلەتنى ئېلان قىلغان، بۇ ئون دۆلەتنىڭ تۈرمىسىنىڭ ئىگىلىنىش نىسبىتى %230 تىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئافرىقا قىتئەسىگە جايلاشقان، تۈرمىنىڭ قىستاڭ بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەب جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ قالايمىقان بولۇشى ياكى قانۇنىي تەرتىپنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ھايتىدا مەھبۇسلارنىڭ سانى تۈرمە سىغدۇرالايدىغان ئادەم سانىنىڭ %335.7 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، «شەرەپ مۇنبىرى» دە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.
تۈرمىگە قامىلىش ئەلۋەتتە ئۇنچە راھەت ئىش ئەمەس، بىراق بەزى ئەللەرنىڭ تۈرمىسىنىڭ لايىھەلىنىشى باشقا ئەللەرنىڭكىگە قارىغاندا سەل راھەت، ئارامبەخش ئىكەن. نورۋىگىيەدە، گۇندىپايلار (قاراۋۇللار) ئادەتتە قورال تۇتمايدىكەن، مەھبۇسلارمۇ ئادەمگە خېلىلا پايدىلىق مۇھىتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. ئۇلار سولاقخانا سىرتىدا ئازادە ھەرىكەت قىلىپ، بەدەن چېنىقتۇرالايدىكەن، تۈرمىدىن چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدىكەن.
بىراق، دۇنيادىكى ئەڭ قىستاڭ بولغان ھايتى تۈرمىسىدە مەھبۇسلارنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ۋاقتى يوق ئىكەن. ھايتىدىكى ھەققانىيەت ۋە دېموكراتىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىشىچە، جىنايەتچىلەرنىڭ يېمەك ئىچمەك، كىيىم كېچەك، ھەرىكەت ئىشلىرى بىر تاق كىشىلىك كارىۋاتنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىچىلىك كېلىدىغان سولاقخانا ئىچىدە تاماملىنىدىكەن. ئامېرىكا «تۈرمە قانۇنى ئاخباراتى» ژورنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھايتى تۈرمىلىرىنىڭ مەھبۇسلارغا توشۇپ كېتىشى مەزكۇر دۆلەتنىڭ قانۇن سىستېمىسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. كېپىللىككە قويۇپ بېرىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلىقتىن، تۈرمىدە %80 تىن %90 كىچە بولغان مەھبۇسلار سوراق قىلىنىشنى ساقلاش ھالىتىدە تۇرۇدىكەن.
تۆۋەندىكىلىرى خەلقئارالىق تۈرمە تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان، پۈتكۈل دۇنيا بويىچە تۈرمىلىرى ئەڭ قىستاڭ بولغان ئون دۆلەت. ناۋادا ئادەم توپىدىن قورقۇش كېسىلىڭىز بار بولسا، بۇ دۆلەتلەردە ھەرگىز قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ سالماڭ:
1. ھايتى، تۈرمىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %33507
2. سالۋادور %324.7
3. بېنىن %307.1
4. فىلىپپىن %300
5. ۋېنېسۇئېلا %270.1
6. بولىۋىيە %269.8
7. سۇدان %255.3
8. ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا %240.7
9. ئوگاندا %232.9
10. گۋاتىمالا %230.9
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا تۈرمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %100 كە يېقىنلىشىپ قالغان، بىراق دۇنيادىكى ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدىكى دۆلەتلەر بىلەن پەرقى خېلى چوڭ بولۇپ بىر قەدەر بىخەتەر ھېسابلىنىدىكەن. بىراق، كالىفورنىيە بىر دۆلەت بولۇدىغان بولسا، ئۇ چوقۇم ئالدىنقى 50 نىڭ ئىچىگە كىرىدۇ. ھازىر كالىفورنىيە تۈرمىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى %155 بولۇپ، كولۇمبىيە، ئالجىرىيە، ماراكەشلەردىن پەرقى يوق.