ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئوبامانىڭ ماندېلانىڭ ماتەم مۇراسىمىدا ئۆز ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىشى تالاش-تارتىش قوزغىدى

ۋاقتى : 2013-12-11  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 11-دېكابر خەۋىرى: ئوباما، داۋىد كامېيرون ۋە دانىيە باش مىنىستىرى خېللى شىمىت (Helle Thorning-Schmidt) نىڭ جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى ماندېلانىڭ تەزىيە مۇراسىمىدا ئۆز ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىپ كۈلكە چاخچاق قىلىشىنى تورداشلارنىڭ كەڭ تالاش-تارتىشىنى قوزغىغان.
چەتئەل مۇخبىرلىرى تارتىۋالغان سۈرەتتە، شىمىت بىلەن ئوباما بىرلىكتە يانفوننى كۆتۈرگەن بولۇپ، كامېيرون ياندىن كۈلۈمسىرىگەن قىياپەتتە ئۆزلىرىنى سۈرەتكە تارتقان، ئۈچەيلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرغان. ئوبامانىڭ يېنىدا ئولتۇرغان خانىمى مىشىلنىڭ چىرايى سۈرلۈك بولۇپ، سۈرەتكە تارتىشقا قاتناشمىغان.
بۇ سۈرەت تېزلىكتە خەلقئارا تورلاردا تالاش-تارتىش قوزغىغان، نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق سورۇندا بۇ قىلمىش مۇۋەپىقمۇ يوق دەپ گۇماندا بولغان.
ئۆزىنى سۈرەتكە تارتقان كۆرۈنۈش ئاساسلىق خەلقئارالىق مېدىيەلەر تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋېلىنىپ توردا يوللانغاندىن كېيىن قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان، نۇرغۇن كىشىلەر كۆڭۈل ئېچىش ھەرىكىتىنىڭ تەزىيە مۇراسىمىدا مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى تالاش-تارتىش قىلغان.
ئەنگلىيە ۋە ئاق ساراي بۇ سۈرەتكە باھا بەرمىگەن، دانىيە ھۆكۈمىتىمۇ دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىغان.
 

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا