ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئىسرائىلىيە ئىران ئەلچىخانىسىنى تېررورلۇق بازىسى دەپ ئەيىبلىدى

ۋاقتى : 2013-12-10  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 10-دېكابىر خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى موشى يالۇن (Moshe Yaalon) ئىراننىڭ ئەلچىخانىدىن پايدىلىنىپ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ھەمدە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق قورال-ياراغ ۋە ئوق –دورىلارنى يۆتكىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن، بىراق ھېچقانداق ئىسپات  تەمىنلىمىگەن.
    ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇزۇندىن بۇيان تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىران يادرو پىلانى مەسىلىسىدە، ئىران يادرو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۆلۈمىنى ئىسرائىلىيەگە ئارتىپ قويغان، بىراق ئىسرائىلىيە ئىراننى ئىران بىلەن ئىتتىپاقداش لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىگەن.
    يالۇن زىيارەتكە كەلگەن گۋاتېمالا پرېزىدېنتى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئېلان باياناتتا:«ئىران ھەر قايسى جايلاردىكى ئەلچىخانىسىدا جاسۇسلۇق قىلىۋاتىدۇ، تېررولۇق پائالىيەتلىرىنىڭ بازىسى» دېگەن.
    يالۇننىڭ دېيىشىچە، ئىران دىپلوماتىيە خادىملىرىدىن پايدىلىنىپ قورال-ياراغ ۋە ئوق –دورىلارنى يۆتكىگەن، دىپلوماتىيە خادىملىرى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان نەرسىلەر ئادەتتە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەيلا ھەر قايسى جايلارغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇلغان. ئۇ يەنە كۇبا، ۋېنسۇئېلا، نىكارائۇگا، بولىۋىيە قاتارلىق جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىدىكى ئىران ئىران ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ تېررورلۇق بازىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
    ئىسرائىلىيە يېقىندا ئىران ۋە لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنى 2012-يىلى بۇلغارىيەدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدىكى پارتىلاش دېلوسىنىڭ ھەقىقى قاتىلى دەپ ئەيىبلىگەن. شۇ قېتىملىق پارتىلاشتا ئىسرائىلىيىلىكەر بىلەن لىق تولغان بىر ساياھەت ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، 6 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 35 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان 'ىدى. بىراق لىۋان ئاللاھ پارتىيسى ئىسرائىلىيەنى ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىغان دەپ ئەيىبلىگەن، بىراق ئىسرائىلىيە ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان.
    ئىران يادرو مەسىلىسى ئۇزۇنغا سوزۇلغان بولغاچقا، ئىسرائىلىيە ئىراننى ئىزچىل ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدۇ. ئىران يادرو پىلانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مەقسىتىنىڭ تىنچلىقتا ئىكەنلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇردى، ئىران بىلەن ئالتە دۆلەت باسقۇچلۇق كېلىشم تۈزۈش ئارقىلىق قىسقا مۇددەتلىك جازانى يېنىكلەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بۇنىڭغا قارىتا قارشىلىق ۋە نارازىلىقىنى بىلدۈردى. ئىران يادرو پىلانىغا تاقابىل تۇرۇشتا قورال كۈچى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا