
جەنۇبىي كورىيە « Herald ئىقتىسادى» شىمالىي كورىيەنى كۆزىتىدىغان زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، چاڭ سۇڭ تىكنىڭ تازىلاشقا ئۇچرىشى كىم جوڭئىلنىڭ چوڭ ئوغلى كىم جوڭ-نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. كىم جوڭئۇن ھاكىمىيىتى تەختكە چىققاندىن كېيىن، چاڭ سۇڭ تىك ۋە كىم جوڭئۇن ئارىسىدا ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە ئىختىلاپ يۈز بەرگەن. چاڭ سۇڭ تىك كىم جوڭ-نامغا ھاكىمىيەتنى ئېلىپ بەرمەكچى بولغان، يېقىندا يېقىن ئادەملىرىنى كىم جوڭ-نام بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەۋەتكەن، كىم جوڭئۇن بۇ ئىشنى بايقىغاندىن كېيىن چاڭ سۇڭ تىكنى ھاكىمىيەتتىن يوقاتقان.
مەزكۇر زاتنىڭ دېيىشىچە، گەرچە چاڭ سۇڭ تىكنىڭ ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى ئۆز قولى بىلەن پىلانلىغان پىلانلىمىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە جۇڭگودا تۇرۇۋاتقان يېقىن تۇغقىنى كىم جوڭ-نام بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن.

جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار زاتنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيەنىڭ چاڭ سۇڭ تىكقا بەرگەن جازاسى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ كىم جوڭئۇن تۈزۈلمىسىگە تەھدىت سېلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر مەسئۇل خادىم چاڭ سۇڭ تىكنىڭ ئېتىپ تاشلىنىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە سۆز قىلغاندا، شىمالىي كورىيەنىڭ چاڭ سۇڭ تىكقا قانداق جازا بېرىدىغانلىقىنى يەنىلا كۆزىتىپ بېقىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىچكى ئىنتىزامنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەشتۈرۈپ، قانۇن-نىزامنى قايتا ئۇرغۇتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورىيە پەقەت «پارتىيەگە، ئىنقىلابقا قارشى ئۇنسۇر» قالپىقىنى كىيدۈرگەن كىشىلەردىن ھەتتا يىراق قېرىنداشلىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن. شىمالىي كورىيەنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبىرى خۋاڭ جاڭ-يوپ 1997-يىلى جەنۇبىي كورىيەگە قېچىپ كەتكەندە، پارتىيەنىڭ 2000 غا يېقىن مەمۇرىي خادىمى تازىلانغان. چاڭ سۇڭ تىك پارتىيەگە كىرگىلى 40 يىل بولغان، مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن، بۇ قېتىم تازىلىنىدىغان ئادەم سانى 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن.