ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

ئامېرىكىدا يەنە مەكتەپكە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ۋاقتى : 2013-12-15  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

سېنتېنىيىل شەھىرىدىكى ئاراپاھو تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە قوراللىق بىر ئوقۇغۇچى ئىككى ئوقۇغۇچىغا قارىتىپ ئوق چىقاردى.
 

b9663f73-9f9d-4e5d-b4f7-6b3fb518e8c1-444x333.jpg

 

ئوق چىقارغان ئوقۇغۇچى ئاخىرىدا قورالى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەسلىدە مەكتەپتە بىر ئوقۇتقۇچىنى ئىزدىگەنلىكى، ئەمما ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپتىن قېچىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 2 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار مەكتەپتىن كەلگەن ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىغان ساقچىلار مەكتەپنى قورشىدى. مەكتەپ سىرتىغا چىقىرىلغان ئوقۇغۇچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن بىرمۇ بىر ئاختۇرۇلدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پات – پات مەكتەپلەردە يۈز بېرىدىغان قوراللىق ھۇجۇملار بىلەن كۈنتەرتىپكە كېلىپ تۇرىدۇ.
بۇ قېتىمقى قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، 1999 – يىلى بىر ئوقۇغۇچى 12 ئوقۇغۇچى ۋە بىر ئوقۇتقۇچىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان كولۇمباين تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەخمىنەن 15 كىلومېتىر كېلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ھۇجۇم 2012 – يىلى ساندى خۇك باشلانغۇچ مەكتىپىدە بىر ئوقۇغۇچى 26 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋەقەگە بىر يىل توشۇشقا بىر كۈن قالغاندا يۈز بەردى.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا