- يەر شارى تورى 18-دېكابىر خەۋىرى: 12-ئاينىڭ 17-كۈنى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ساقچىلىرى پارا بېرىش ۋە خىيانەتچىلىق قىلمىشلىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تازىلىغان بولۇپ، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى 3 ئىچكى كابېنت مىنىستىرىنىڭ ئوغلىنى، كۆپلىگەن سودىگەرلەرنى قولغا ئالغان ھەمدە تۇتۇپ تۇرغان.
تۈركىيە ئىستانبول ۋىلايىتىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇنىڭ دەلىللىشىچە، تۈركىيە ساقچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبول ۋە پايتەخت ئەنقەرەدە تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. بىراق مۇتلۇ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. ئۇ مۇخبىرغا ھەرىكەتنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە باش مىنستىرى ئەردوغان تۈركىيەدە كۆپ يىللاردىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن خىيانەتچىلىك مەسىلىسىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشقا ۋەدە بەرگەن.
بىراق خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىر قانچىلىغان سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر پەرەز قىلىشىچە، ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئەردوغاننىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تەسىر كۈچكە ئىگە دىنىي زات فەتىھۇللاھ گۈلەن ئارسىدىكى جىددىيلىكنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن كېلىپ چىققان.
ئىگىلىنىشىچە، تۇتۇلغانلارنىڭ ئىچىدە ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىسىتىرى، ئىقتىساد مىنىستىرى ۋە مۇھىت مىنىستىرىنىڭ ئوغلى بار ئىكەن.
تەرجىمىدە: ئاينۇر