
بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 14-دېكابر خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې 12-ئاينىڭ 14-كۈنى (بۈگۈن) سۆز قىلىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئومۇمىي سوممىسى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردەم ۋە قەرز تەمىنلەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ھەمدە ئىمپورت-ئېكسپورتنى ئاشۇرۇپ، ياپونىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ دوستلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەۋەت قىلغان.
ياپونىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن. شىنزو ئابې يىغىنغا قاتناشقانلارغا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بىر يولدا تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان، قانچە تىرىشىپ خىزمەت قىلسا شۇنچە كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشەلەيدىغان ئاسىيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىدىغان گۈللەنگەن جەمئىيەت بەرپا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ياپونىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېچىلغان بولۇپ، ياپونىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئامانلىق ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.
ياپونىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بۈگۈن ئۆتكۈزگەن ئالاھىدە يىغىندا ئورتاق بايانات ماقۇللايدۇ. بايانات ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى، شىنزو ئابې يۇقىرىقى ۋەدىنى بەرگەن.
مەزكۇر يىغىن 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.