
جۇڭگو گېزىتى تورىنىڭ 12-دېكابر خەۋىرى: ئەنگلىيە مېدىيەلىرىنىڭ 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مىسىر بىخەتەرلىك قىسىملىرى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ (قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى) قاھىرەدىكى ئىشخانىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان ھەمدە قاتارنىڭ 11 نەپەر پۇقراسىنى قولغا ئالغان.
ئەنگلىيە مېدىيەلىرى مىسىرنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى «ئەل-ئېھرام گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە 4 نەپىرى قاتار ساقچىسى ئىكەن. ھازىر مىسىر دائىرلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بار يوقلىقىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولمايدىكەن.
قاتار مىسىر مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگۈچى. مىسىر ئارمىيىسى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سابىق پرېزىدېنت مورسىنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، مىسىر بىلەن قاھىرەنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ يامانلاشتى.
تەرجىمىدە: نەپرەت