ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  مەملىكەت

جوۋ يوڭكاڭنى كۈتۈۋاتقىنى قانداق تەقدىر؟

ۋاقتى : 2013-12-18  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

 

    روسىيە ئاۋازى ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» ئاشكارىلىغان خەۋەرنى نەقىل قىلىشىچە، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارى جوۋ يوڭكاڭ ۋە ئايالى ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان.
    جۇڭگو كومپارتىيىسى ئىچىدە يېقىندا ئەمەلىي كۈچى يەنىلا ناھايىتى كۈچلۈك ھېسابلىنىدىغان بۇ شەخس چىرىكلىككە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇ قايتا نامايان بولۇپ باقمىغان.
    ئامېرىكا گېزىتلىرى دېيىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ جوۋ يوڭكاڭنىڭ پائالىيەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە قوشۇلىشى يۇقىرى قاتلامنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا تەھدىت سېلىشتەك خەۋپ-خەتىرى بولۇشى مۇمكىن. جوۋ يوڭكاڭنى بىر قوللۇق ئۆستۈرگەن جىياڭ زېمىن دەۋرىدىكى پېشقەدەملەر نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    نۆۋەتتە سىياسىي بۇيرونىڭ بۇ پېشقەدەم رەھبىرىنى شىكايەت قىلىدىغان ۋە جازالايدىغان جازالىمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. جىنايى پاكىتلىرىنى تاپقان تەقدىردىمۇ، پارتىيە ئىچىدە تەكشۈرۈش جىنايى ئىشلار ئەيىبلشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ناتايىن. بۇ جوۋ يوڭكاڭنىڭ پاناھىغا ئېرىشكەن، نەس باسقان بو شىلەي بىلەن ئوخشىمايدۇ.
    جوۋ يوڭكاڭ ئېھتىمال ئايالى ۋە ئوغلىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىغا مەسئۇل بولىشى مۇمكىن. جوۋ يوڭكاڭ جەمەتىنىڭ نېفىت ساھەسىدىكى تەسىر كۈچى تېخىمۇ كۆپ قانۇنسىز بايلىقنىڭ يوشۇرۇن مەنبەسىنى تەمىنلىشى مۇمكىن.
    «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» قارىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش بۇ «چوڭ يولۋاس» نىڭ سىياسىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
     
    تەرجىمىدە: نەپرەت

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا