ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى چاڭ سۇڭ تىكقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماتېرىياللارنى ئۆچۈرىۋەتتى

ۋاقتى : 2013-12-18  مەنبەسى : ئوكيان تورى  يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم


      بىرلەشمە سەھەر گېزىتى 18-دېكابىر خەۋىرى: شىمالىي كورىيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ تاغىسى چاڭ سۇڭتىك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆۈم قىلىنغاندىن كېيىن، شىمالىي كورىيە مېدىيەلىرى چاڭ سۇڭتىكقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق يېزىق ۋە سۈرەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى چىقىرىۋەتكەن.
      BBC خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىغا جايلاشقان شىمالىي كورىيە ئاخبارات تورىنىڭ تەھلىلچىسى فرانك شىمالىي كورىيە تور بېتىنى ئىز قوغلاپ تەھلىل قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئۇ سۆز قىلىپ، شىمالىي كورىيە دائىرىلىرىگە قاراشلىق شىمالىي كورىيە مەركىزي ئاگېنتلىقىدىكى چاڭ سۇڭتىكقا مۇناسىۋەتلىك 35 مىڭ پارچە ماقالىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، شىمالىي كورىيە مەركىزىي ئاگېنتلىقىدىكى ئىسپانچە، ئېنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە ياپونچە 65 مىڭ پارچە ماقالىنى تەكشۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى ئېيتقان.
      باش بۆلۈمى سېئۇلغا قۇرۇلغان كۈدىلىك كورىيە گېزىتى تورى خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە چاڭ سۇڭتىكنى سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغان دەپ گۇمانلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئەمگەكچىلەر پارتىيىسى ئورگان گېزىتى ئەمگەك ئاخباراتى تورى چاڭ سۇڭتىكقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماقالىلەرنى چىقىرىۋەتكەن.
      شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تورىدا 2013-يىلى 10-ئايلىق خەۋەرنى ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە چاڭ سۇڭتىكقا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك چىقىرىۋېتىلگەن ياكى چىقىرىۋېتىلمىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
      جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئىلگىرى خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە دائىرىلىرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىر ھۆججەتلىك فىلىمنى قويۇۋاتقاندا، چاڭ سۇڭ تىك بار بولغان كۆرۈنۈشنى قەستەن چىقىرىۋەتكەن.
      فېينستېين كورىيە ئاخبارات تورىغا سۆز قىلىپ: «بۇ ئەتىراپلىق ئويلىشىشنىڭ نەتىجىسى، چاڭ سۇڭتىكقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى چىقىرىۋېتىش ھەرىكىتى شىمالىي كورىيەدىكى بارلىق تور بەتلەرگە چېتىلىدۇ، بۇ مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېگەن.
      يەنە بىر ساھىيىتى ئېنىق بولمىغان مۇتەخەسسىسنىڭ شىمالىي كورىيە ئاخبارات تورىغا بايانات ئېلان قىلىپ: «مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چېكىگە يەتكەن ھەرىكەتكە نىسبەتەن، مېنىڭ بىرىنچى ئىنكاسىم ھاڭ-تاڭ قېلىش بولدى، بىراق ناھايىتى ئېنىقكى بۇ بىر ناھايىتى ئىنچكە مۆلچەرلەنگەن قارار» دېگەن.
       
      ئۇ بۇنىڭ دائىرىلەرنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىپ يېزىش ئارقىلىق كىم جۇڭئۇننىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئورنىنىڭ تەۋرىنىشكە ئۇچرىماسلىقىغا ئۇرۇنغانلىقى بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.
      ئۇ يەنە تولۇقلاپ، بۇنىڭ ئىچىدە خۇددىي شىمالىي كورىيەنىڭ باشقا قىلمىشلىرىغا ئوخشاش يەنە كۆپلىگەن سەۋەبلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، كۆپلىگەن ھەرىكەتلەرنى چۈشىنىشنىڭ ناھايىتى تەسلىكىنى ئېيتقان.
      كۈندىلىك كورىيە گېزىتى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورىيە ۋەتەن، تىنچلىق بىرلىك كومىتېتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «قەلىبداش مىللەتلەر» قاتارلىق تور بەتلەر چاڭ سۇڭ تىك دېگەن سۆزنى ئاختۇرغاندا گەرچە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر كۆرۈنگەن بولسىمۇ، بىراق چەككەندىن كېيىن خاتالىق ئۇچۇرى پەيدا بولغان. تور بەت چاڭ سۇڭ تىكقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ماقالىلەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

      تەرجىمىدە: ئاينۇر

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا