رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، كىرېمىل سارىيىدا پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاپ قىلىپ، 2013-يىل ئۈستىدە توختالدى
ئۇكرائىنادىكى نامايىشچىلار ئۈستىدە توختالغان پۇتىن: «بىز باشقىلارغا قانداق ياشاشنى ئۆگىتەلمەيمىز» دېيىش ئارقىلىق ۋاشىنگىتونغا دارىتمىلاپ ئۆتۈپ كەتتى.
پۇتىن تاشقى سىياسەت ھەققىدە توختالغاندا، رۇسىيەدىن ھەر ۋاقىت پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، بىراق «دەرىجىدىن ھالقىغان كۈچ» سەۋىيەسىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
ۋىلادىمىر پۇتىن «بىز باشقىلارغا قانداق ياشاشنى ئۆگىتەلمەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.
پۇتىن رۇسىيەنىڭ تاشقى خەۋپلەرگە قارشى سىياسىي ۋە تېخنولوگىيىلىك جەھەتتىن تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچكە ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۇكرائىنادا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر ئۈستىدە توختالغان پۇتىن، كىيىۋ ھاكىمىيىتى خالىغان تەقدىردە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بىر پۈتۈنلىشىش لايىھەسى ئۈستىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.
پۇتىن مۇنداق دېدى: «كىيىۋ ھاكىمىيىتى تەلەپ قىلسا، رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.»