ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت  »  خەۋەرلەر  »  خەلقئارا

باڭلادېش ئالى سوتى ئابدۇلقادىر موللىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈردى

ۋاقتى : 2013-12-12  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : ئانا تۇپراق كۆرۈلىشى : قېتىم

سوت كوللېگىيەسى، 65 ياشلىق ئابدۇلقادىر موللىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ قارار چىقىرىلىدىغان چاغقىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

37a97484-8078-4e69-b9d1-ce112db1c2ea-444x333.jpg

باڭلادېش يۇقىرى سوت مەھكىمىسى، جامائەتى ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ئابدۇلقادىر موللىنىڭ ئادۋوكاتلىرىنىڭ، گۇماندارلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى توغرىسىدىكى تەلىپىگە قاراپ چىقىشقا باشلىدى.

سوت كوللېگىيەسى، 65 ياشلىق ئابدۇلقادىر موللىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ قارار چىقىرىلىدىغان چاغقىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

موللىنىڭ ئادۋوكاتلىرى، باڭلادېش ھۆكۈمىتىنىڭ كېرەكلىك بارلىق قانۇنىي تەييارلىقلارنى پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا موللىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆلۈم جازاسىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى توغرىلىق تەلەپ سۇنغانىدى.

بۇ جەرياندا، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى فەنى شەھىرىدە موللىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن جامائەتى ئىسلامىي تەرەپدارلىرىنىڭ ساقچى پونكىتلىرىغا ئاتەش توپ ئېتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى تارقاقلاش ئۈچۈن ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە بىر ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

جامائەتى ئىسلامى تەرەپدارلىرىنىڭ پايتەختى داككادىمۇ ئاپتوموبىللارغا ئوت قويۇپ بەرگەنلىكى ۋە ھەر خىل بىنالارغا ئاتەش توپ ئاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلمەكتە.

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991

Copyright (c)2009-2014 Www.Anatuprak.Com All rigths  | E_Mail: karakaxboy@126.com       新ICP备10003730号

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 666-نۇمۇرB-بىنا 2005-ئىشخانا