شىنخۇا تورىنىڭ 15-دېكابر خەۋىرى: مىسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى مەنسۇر 12-ئاينىڭ 14-كۈنى قاھىرەدە بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ كېلەر يىل 1-ئاينىڭ 14، 15-كۈنلىرى يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
14-دېكابر قاھىرە پرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا، مەنسۇر ئاساسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ خىزمىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە پۈتكۈل مىسىرلىقلارنى يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە ئاكتىپ ئاۋاز بېرىشكە دەۋەت قىلغان. ئۇ يەنە «دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنى ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىۋاتقان باشقىچە قاراشتىكى كىشىلەر جاھىللىق ۋە مەنمەنچىلىكتىن ۋاز كېچىشى كېرەك» لىكىنى، ئۆتكۈنچى مۇساپىگە قاتنىشىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان.
مىسىرنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ھەمدە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت باسقۇچىغا ئاساسلانغاندا، مۇبادا ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ماقۇللانسا، ۋاقىتلىق پرېزىدېنت پرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلىمىنىڭ تەرتىپى ۋە ۋاقتىنى قارار قىلىدۇ.